ياڭراق خىتاپ، پاجىئەلىك قىسمەت
2008.03.19
( ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېھىت قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن)
بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20 - ئەسىر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچىلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر خەلقىنى ئويغىتىپ ۋە ئۇنى ئازادلىققا چاقىرىپ، شۇ يولدا ئۆز ھاياتىنى تەقدىم قىلغان شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ شىڭ شىسەي تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ 75يىللىقىدۇر.
ئۇنتۇلماس كۇن
بۇنىڭدىن 75 يىل ئىلگىرىكى 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تۇرپان ئاسمىنى قارا بۇلۇتلار قاپلىغان، گەرچە باش باھار پەسلى يېتىپ كېلىپ، توڭلار ئېرىشكە باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئاچچىق قۇرۇق سوغۇق ھېچ پەسىلگە ماس كەلمىگەن ھالدا زەھەرلىك يىلاننىڭ شەپقەتسىز نەشتىرى كەبى ناتىۋان بەدەنلەرگە سانچىلاتتى. كېچىچە ھۇۋلىغان بوراننىڭ ھۇشقۇرتۇشلىرى پەسەيمەي تۇرۇپ، تۇرپان يېڭى شەھىرىدىكى قازىخانا مەسچىتىنىڭ ئالدىدىكى مەيدانغا قوللىرى چەمبەرچەس باغلانغان 17 ئادەم بۆرە كۆزلۈك، تەلەتى سۆرۈن شېڭ شىسەينىڭ خىتاي ۋە ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن يالاپ ئېلىپ كېلىندى. ئەتراپقا خېلى كۆپ ساندا پۇقرالار توپلانغان بولۇپ، خەلق توپىغا ۋە مەھبۇسلارغا پىلىمۇتلار بەتلەندى. مەيداننى يىغا - زارە، نالە - پەريادلار ھەم خىتاي ۋە ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرىنىڭ تىللاشلىرى، ۋارقىراشلىرى قاپلىدى...
ئەنە شۇ پەيتتە مەھبۇسلار ئارىسىدىكى يۈزلىرى يۇمۇلاق، 30 ياشلار چامىسىدىكى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر گەۋدىسىنى تىك تۇتقان ھالدا، ۋالىلداپ تۇرغان قىلىچ ۋە مىلتىق نەيزىلىرىگە پىسەنت قىلماي، سەپنىڭ ئالدىغا چىقتى ۋە ئۇيغۇرچە، رۇسچە ھەم خىتايچە تىللار بىلەن پۇقرالارغا، ئاق ئورۇس ھەم خىتاي ئەسكەرلىرىگە خىتاپ قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەمدى ئويغىنىپ، ئازادلىق يولىغا ئاتلانغانلىقىنى، بۈگۈن ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرسىمۇ، لېكىن قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن چوقۇم ئىنتىقام ئالىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئاق ئورۇس ئەسكەرلىرىنىڭ شېڭ شىسەيگە ياللانما بولۇپ، بىگۇناھ ئۇيغۇرلارنىڭ قېنىنى تۆكۈشۈپ بەرگىنى بىلەن ھامان بىر كۈنى ئەشۇ شېڭ شىسەي مىلىتارىستلىرىنىڭ ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرىنىڭ تېخىمۇ بەتتەر ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقى ئەسكەرتىپ، ئۇلارنى ئويغىنىپ، ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى تەرىپىگە ئۆتۈشكە چاقىردى.
ئابدۇخالىقنىڭ سۆزلىرى ئاخىرلاشمايلا، شېڭ شىسەي " شا! " دەپ قولىنى شىلتىپ ۋارقىرىشى بىلەن تەڭ جاللات ئەسكەرلەر ئالدى بىلەن ئابدۇخالىقنى قىلىچ بىلەن چاپتى. ئابدۇخالىقنىڭ " ئازادلىق ئۈچۈن..." دېگەن ئاخىرقى خىتابى تۈگىمەي تۇرۇپ، يەرگە يىقىلدى، جاللاتلار ئۇنى قىيما - چىيما قىلىۋەتتى، ئارقىدىن باشقا مەھبۇسلارمۇ چېپىپ تاشلاندى. مەسچىت ئالدى مەيدان نالە - پەريادلار بىلەن تولدى.
مانا بۇ تۇرپان خەلقىنىڭ ئەبەدىي ئېسىدىن چىقماس پاجىئەلىك 13 - مارت كۈنى بولۇپ، بۇ پاجىئە 75 يىلدىن بۇيان ئەۋلادتىن - ئەۋلادقا ئەسلىنىپ بىر كۈنمۇ ئۇنتۇلمىدى!.
ئابدۇخالىقنىڭ پائالىيەتلىرى
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1901 - يىلى تۇغۇلغان. ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىن باشلاپ، تۇرپان ۋە رۇسىيىنىڭ شەمەي، موسكۋا قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئوقۇپ، يېڭىچە مەرىپەتچىلىك ۋە مىللەتپەرۋەرلىك ئېڭى بىلەن تەربىيىلىنىپ، ئوز خەلقىنى جاھالەتتىن ئويغىتىش، ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا تەشكىللەش يولىدا كوپ پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغان ئىدى.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، 1932 - يىلى، 12 - ئايدا مەخسۇت مۇھىتى، مەھمۇت مۇھىتى ۋە ئابدۇللا داموللا قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى تۇرپان قوزغىلىڭىغا قاتناشقان ۋە 1933 - يىلى 3 - ئايدا تۇرپان شىڭ شىسەي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندا يەر ئاستى پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ، مەھمۇت مۇھىتى ۋە مەخسۇت مۇھىتى قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىچى سىرتىدىن ماسلىشىپ، تۇرپاننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغاندا دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئىدى.
ئابدۇخالىقنىڭ ئىجادىيىتى
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 20 - ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسىنى سالغۇچىلىرىدىن بىرى، ئۇيغۇر خەلقىنى ئازادلىققا چاقىرىپ، شۇ يولغا ئۆزىنى ئاتىغان پىداكار شائىر ھەم ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى مىللەتپەرۋەرلىك، ئازادلىق ئىدىيىلىرى بىلەن زىچ باغلىغان ئىدېئولوگ ئىدى.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يازغان " ئاچىل" ناخشىسى ئەينى ۋاقىتتا تۇرپان - قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ مارشىغا ئايلانغان بولۇپ، ئابدۇخالىق قاتناشقان ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىدىكى قۇمۇل - تۇرپان، قەشقەر، خوتەن ۋە ئاقسۇ ۋىلايەتلىرى ۋە باشقا جايلاردا ئەۋجى ئالغان ئەنە شۇ كەڭ كۆلەملىك قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە 1933 - يىلى، 12 - نويابىر كۈنى قەشقەردە سابىت داموللام باش مىنىستىرلىكى، خوجا نىياز ھاجىم رەئىسلىكىدە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. تۇرپان - قۇمۇل قوزغىلاڭچىلىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئىجاد قىلغان " ئاچىل" ناخشىسىنى ياڭرىتىپ، قەشقەرگە يېتىپ كېلىپ، قەشقەر - خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن بىرلەشكەن ئىدى.
ئۇنىڭ" ئويغان " قاتارلىق شېئىرلىرى مىللىي روھقا ئىلھام بەرمەكتە
ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرىدىغان "ئويغان "، "ئاچىل" قاتارلىق كۆپلىگەن شېئىرلىرى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىكىگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ھەم ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ كۈچىيىشىدە بەلگىلىك رول ئوينىغان ئىدى.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ " ئويغان " ناملىق شەھىرى ھەر بىر ئۇيغۇر تەرىپىدىن دائىم يادلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي روھىغا ئىلھام بەرمەكتە.
ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ قۇربان بولغانلىقىنىڭ 75 يىللىق مۇناسىۋىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئەدىبلىرى ھەم ياشلىرىنىڭ ئۇنى تۈرلۈك شەكىلدە خاتىرىلىمەكتە، ئۇنىڭ "ئويغان ئۇيغۇر!"، "ئاچىل" دېگەن ياڭراق خىتاپلىرى ۋە نىدالىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ داۋاملىق جاراڭلىماقتا! (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئالىمى مۇرات ھەمرايوفنى خاتىرىلەش
- "قۇللۇق تامغىسى" ۋە "ئىستىمەس" ناملىق شېئىر ھەققىدە سۆھبەت
- ئالماتادا لۇتپۇللا مۇتەللىپ تەۋەللۇدىنىڭ 85 يىللىقى خاتىرلەندى
- يازغۇچى "مۇھەممەد روھى ئۇيغۇر" نىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى
- ۋەتەنپەر ئۇيغۇر زات ھاشىر ۋاھىدىنىڭ ھاياتى ۋە پائالىيەتلىرى توغرىسىدا
- "كۆرمىگەن" ماۋزۇلۇق شېئىر ھەققىدە سۆھبەت
- تۈركىستان داۋاسىنىڭ پېشىۋالىرىدىن بىرى - مۇستافا چۇقاي
- مەھمۇت قەشقىرى يىلى ۋە 1000 ئالتۇن مۇكاپات
- تاجىكىستانلىق ئالىم شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە كىتاب يازدى
- سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەرىپەتپەرۋەر زات قۇربان ئابدۇللا ھاجىم ۋاپات بولدى
- ئوسمان باتۇر رومانى تۈركىيىدە نەشىر قىلىندى
- ئابدۇل ئەزىز چىڭگىزخان داموللامنىڭ "تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى" ناملىق ئەسىرى ھەققىدە
- بۈيۈك ئىنقىلابچى ئالىم مۇھەممەد ئەمىن ئىسلامىي
- سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نامايەندىسى ئابدۇللا روزى باقېيىف توغرىسىدا سۆھبەت (2)
- سوۋېتلەر ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ نامايەندىسى ئابدۇللا روزى باقېيىف توغرىسىدا سۆھبەت (1)