ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ توققۇزىنچى يىلى


2004-12-17
Share

بۈگۈن ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ چەتئەلدە تونۇلغان رەھبەرلىردىن بىرى بولغان ئايسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىنىڭ 9 يىللىق خاتىرە كۈنى.

باشقا يىللاردىكىگە ئوخشاش، تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بۇ كۈننى ھەر خىل پائالىيەتلەر بىلەن خاتىرىلىمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتى، 17 – دېكابىر كۈنى ئەنقەرەدىكى چوڭ جامىلەرنىڭ بىرى بولغان ھاجى توپە جامىسىدە، مەرھۇم ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان ئوقۇتماقچى. شۇ كۈنى كەچتە، "ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ۋە شەرقىي تۈركىستان" ناملىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلمەكچى.

"ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلدۇق"

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم بۇ پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت