ئاخۇنوپ ۋە مىجىت قوماندان قوزغىلىڭىغا 36 يىل


2005.08.22

بۇنىڭدىن 36 يىل ئىلگىرىكى 23-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى زامان سىياسىي تارىخىدا "ئاخۇنوپ ۋە مىجىت سىلىڭ ۋەقەسى" دېگە نام بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە تاكى ھازىرغىچە ئېغىزدىن –ئېغىزغا ،قۇلاقتىن –قۇلاققا كەڭ تارقالغان بىر سىياسىي ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى. بۇ قوزغىلاڭ ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن بىرىدۇر.

ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش ئارقا كۆرۈنىشى

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1969-يىلى 23-ئاۋغۇست كۈنى شەرقى تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ جەنۇبىي بيۇروسىنىڭ سېكرىتارى ئاخۇنوپ ۋە مىجىت سىلىڭ (قوماندان) رەھبەرلىكىدىكى قوراللىق گۇرۇپپا بىلەن خىتاي ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان جەڭ يۈز بېرىپ، كۆپلىگەن خىتاي ئارمىيىسى ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈمى ۋە يارىدار بولۇشى بەدىلىگە بۇ قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان ئىدى.

بۇ ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشى تاسادىپىي ھادىسە ئەمەس، ئەسلىدە مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئالدى -كەينىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممىلا جايلىرىدا دېگۈدەك خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەتلەر ئەۋجى ئالغان بولۇپ، مەدەنىيەت ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوپ قاتارلىقلار ئارقىدا تۇرۇپ قوماندانلىق قىلغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق نەشىرىيات نىڭ مەسۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن توختى قۇربان رەئىسلىكىدىكى شەرقى تۇركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان.

تۈرلۈك تارىخىي ئۇچۇرلارغا قارىغاندا شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىگە ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبىرى كادىرلىرى شۇنىڭدەك بىر قىسىم ۋىلايەت، ناھىيىلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي خىزمەتلىرىنى ئۆتىگەن كىشىلەردىن تارتىپ، زىيالىيلار، جەمىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىگە مەنسۇپ ئاددىي پۇقرالاردىن بولۇپ، كۆپلىگەن ئادەملەر قاتنىشىپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى دائىرىسى بويىچە كەڭ دائىرىلىك يەر ئاستى كۈرەش تورى ھاسىل قىلغان ئىدى.

سابىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللى ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرى، كېيىن سابىق مىللىي ئارمىيە يەنى 5-كورپۇس،13-دىۋىزىيىنىڭ قەشقەردىكى بىر پولكىنىڭ كوماندىرىلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان ئاخۇنوپ شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ جەنۇبىي بيۇروسىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن جەنۇبىي ۋىلايەتلەردىكى ئىشلارغا باشلامچىلىق قىلغان. ئاخۇنوپ، قەشقەردىكى مىجىت قوماندان قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ، قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش پىلانىنى تۈزىدۇ. بىراق، ھەرىكەت باشلاشتىن ئىلگىرى سېزىلىپ قالىدۇ، نەتىجىدە، بىر قىسىم قوزغىلاڭچىلار قەشقەردىن چېكىنىپ، ئاتۇش تەۋەسىدىكى قاراجۆل دېگەن جايغا كەلگەندە خىتاي ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ ھەمدە كۆپلىگەن خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈمى ۋە يارىدار بولۇشى بىلەن بۇ قوزغىلاڭ باستۇرۇلىدۇ.

ئەينى ۋاقىتتىكى شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، ئەشۇ ۋەقەلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىدلارنىڭ بىرى ھاجى ئابدۇرېشىت كېرىم ئەپەندى قوزغىلاڭچىلارنىڭ باتۇرلۇق بىلەن قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكىنى ئەسلەپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ قانداقتۇر ئىستىخىيىلىك بولماستىن بەلكى، ئۈرۈمچىدىكى شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، ئەمما خائىننىڭ پىلاننى ئاشكارىلاپ قويۇشى بىلەن قوزغىلاڭنىڭ ئالدىن –ئالا كۆتۈرۈلۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى كۆرسەتتى. قارا جۆلدىكى جەڭدە ئۆزلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ رەقىپلىرىگە قارشى جەڭ قىلغان قوزغىلاڭچىلاردىن ئاخۇنوپ، مەريەم، نىزامىدىن، ئوسمانجان ۋە خەيرۇللا قاتارلىقلار شېھىت بولىدۇ. قالغانلار ئەسىرگە چۈشىدۇ. مىجىت ئېغىر يارىلىنىپ، قولغا چۈشكەندىن كېيىن داۋالاپ ساقايتىلىپ، ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.

كەڭ كۆلەملىك جازالاش

ئاخۇنوپ ۋە مىجىت "سىلىڭ" باشچىلىقىدىكى قوزغىلاڭ باستۇرۇلغاندىن كېيىن، پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ۋە جازالاش ئېلىپ بېرىلدى.

شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى بىلەن چېتىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئادەملەر قولغا ئېلىنىپ تۈرلۈك دەرىجىدىكى جازالارغا ئۇچرىدى. 69-70-يىللاردا جازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ سانى ھەققىدە ھەر خىل مەلۇماتلار مەۋجۇت .

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە بىرلا ۋاقىتتا ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق شەھەرلەردە ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ رەئىسى توختى قۇربان قاتارلىق ئاساسلىق رەھبىرى كىشىلەر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىندى.

60-يىللاردىكى كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ تەركىبى ۋە تەسىرى

تارىخىي شاھىدلارنىڭ ئېيتىشىچە، 60-يىللاردىكى بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇ ھەرگىز بىرلا رايون بىلەن چەكلىنىپ قالغان ئەمەس، ئۇ ناھايىتى تەشكىللىك، پىلانلىق تۈردە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، قاتنىشىش ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، مەزكۇر ھەرىكەتلەردە 40-يىللاردىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ بىر قىسىم جەڭچى ئوفىتسېرلىرى ھەمدە رەھبىرى خادىملىرى شۇنىڭدەك يېڭى ئەۋلاد ياشلار مۇھىم رول ئوينىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا مەزكۇر تەشكىلاتقا يەنە خىتاي كوم پارتىيىسىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەرنىڭمۇ قاتنىشىشى ئۆزگىچە بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسىلىك ۋەزىپىسىدىكى كىشىنىڭمۇ بولۇشى بېيجىڭ دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغان ئىدى.

گەرچە ئاخۇنوپ ۋە مىجىت باشچىلىق قىلغان قوزغىلاڭ ۋەقەسىگە 36 يىل بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقەلەرنى كىشىلەر تېخى ئۇنتۇلۇپ كەتكىنى يوق، شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابىغا باغلىنىپ، تۈرمىلەرگە تاشلانغان، ئازاپ چەككەن كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈنكى كۈندە تېخى ھايات ياشىماقتا، ئۆلتۈرۈلگەنلەر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "ئەكسىيەتچىلەر" دەپ قارىلانسىمۇ ئەمما، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئۇرۇق –تۇغقانلىرىنىڭ شۇنىڭدەك ئاق –قارىنى پەرقلەندۈرۈش مۇمكىنچىلىكى بار كىشىلەرنىڭ ئۇلارنى سېغىنىشى، ئۇلارنى ئەسلىشى ھەمدە ئۇنتۇلمايدىغانلىقىدا شەك يوق. قىسقىسى تارىخقا يېزىلغان ھەقىقەتنى ھېچ كىممۇ ئۆچۈرەلمەيدۇ خالاس! (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.