ئاخۇنوپ ۋە مىجىت سىلىڭ ۋەقەسى

0:00 / 0:00

بۇنىڭدىن 35 يىل ئىلگىرىكى 23-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى زامان سىياسىي تارىخىدا "ئاخۇنوپ ۋە مىجىت سىلىڭ ۋەقەسى" دېگەن نام بىلەن ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدە تاكى ھازىرغىچە ئېغىزدىن-ئېغىزغا، قۇلاقتىن-قۇلاققا كەڭ تارقالغان بىر سىياسىي ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا بۇ ۋەقەنى شەرقى تۇركىستان خەلق ئىنقىلابىي پارتىيىسىنىڭ ھەرىكىتى بىلەن باغلاپ، 1969-1970-يىللىرىدا پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى بويىچە كەڭ كۆلەمدە باستۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى ھەتتا ئوز تەشۋىقات ماتېرىياللىرىدىمۇ كۆرسىتىلىدۇ.

ئاخۇنوپ ۋە مىجىت قوماندان باشچىلىقىدىكى بىر گۇرۇپپا قوزغىلاڭچىلار 1969-يىلى 8-ئاينىڭ 23-كۈنى ئاتۇشنىڭ قاراجول دېگەن جايىدا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى بىلەن جەڭ قىلىپ، نەتىجىدە كۆپلىگەن ئازادلىق ئارمىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلۈشى ۋە يارىدار بولۇشى بىلەن قوزغىلاڭ باستۇرۇلغان. ۋەقەدىن كېيىن پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە تۇتقۇن قىلىش ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشلار داۋاملاشقان (ئۈمىدۋار)