ئىنقىلابنىڭ مەغلۇپ بولۇشى، ئىنقىلابنىڭ يوقىلىشى دېمەكتۇر. ئەمما، ئىنقىلابسىزلىق بولسا، مىللەتنىڭ يوقىلىشى دېمەكتۇر. پىشانىمىزگە "يوقالغان مىللەت" دېگەن ھاقارەتلىك تامغا بېسىلىشتىن ئاۋال ئىنقىلابسىزلىققا قارشى قۇربان بېرىشكە تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك.
بۇنىڭدىن دەل 15 يىل ئىلگىرى، يەنى 1990- يىلى 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى قەشقەرنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسى بارىن يېزىسىدا، خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىر مەسچىتنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمىگەنلىكى يۈزىسىدىن يېزا خەلقى بىلەن خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. بۇ توقۇنۇشتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 22 كىشى، مۇستەقىل مەنبەلەرنىڭ خەۋەر قىلىشىچە 60 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلگەن. ئەمما بارىن ۋەقەسىگە شاھىد بولغانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 250 تىن كۆپرەك يېزا خەلقى خىتاي بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىخەتەرلىك قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
بارىن ۋەقەسىنىڭ كېلىپ چىقىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نېمە؟ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتنى قانداق باستۇردى؟ بۇ ھەرىكەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قانداق تەسىر قوزغىدى؟ بۇ ھەرىكەتنىڭ يول باشچىسى زەيدىن يۈسۈپ قانداق بىر خاراكتېرگە ئىگە كىشى ئىدى ؟
بۇ سۇئاللارغا جاۋاب ئىزدەش ئۈچۈن بىز بارىن ئىنقلابى بىلەن چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىنىپ، خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان، بارىن ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى زەيدىن يۈسۈپ بىلەن سەپداش بولغان ھازىر چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئابدۇرېھىمجاننى زىيارەت قىلدۇق.