بارىن ئىنقىلابىنىڭ 17 -يىلى
2007.04.03

1990- يىلى 4- ئاينىڭ 5- كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭنىڭ يولباشچىسى زەيدىن يۈسۈپنىڭ يېقىن بىر سەپدىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بارىن قوزغىلىڭىنىڭ ھارپىسىدا زەيدىن يۈسۈپ ۋە سەپداشلىرى ئوتتۇرىسىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلگەن- كەلمىگەنلىكى ھەققىدە بولۇپ ئۆتكەن مۇنازىرىلەردە زەيدىن يۈسۈپ: "بىزنىڭ بۇ قوزغىلاڭنى كۆتۈرۈشتىكى ئاساسلىق مەقىسىدىمىز ئۆزىمىزنى پىدا قىلىش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق روھىنىڭ تېخى ئۆلمىگەنلىكىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە كۆرسىتىشتىن ئىبارەت" دېگەن ئىكەن.
ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى مۇھىم ۋەقە
بۈگۈن بارىن قوزغىلىڭىدىن 17 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي ھەمدە غەرب مەتبۇئاتىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، بارىن قوزغىلىڭىنى تەشكىللىگەنلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ھەم خىتاي ھەمدە خەلقئارا جامائەتكە ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت مەقسىدىگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. دېگەندەك، ھەم خىتاي دائىرىلىرى ھەم غەربلىك مۇلاھىزىچىلەر بارىن قوزغىلىڭىنى، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ، ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ۋە ئىسلامىي ئېتىقادىنىڭ قايتىدىن تىرىلىشىدە ھالقىلىق رول ئوينىغان بىر ۋەقە دەپ كۆرسەتمەكتە.
خىتاي دائىرىلىرى بارىن قوزغىلىڭىنى، ئازادلىقتىن بېرى شىنجاڭدا دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى بۇزۇش ۋە ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ جىددىي مىللىي بۆلگۈنچى قوزغىلاڭ دەپ كۆرسەتمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، زەيدىن يۈسۈپ باشچىلىقىدىكى بۈلگۈنچىلەر قوزغىلاڭنى ئالدىن پىلانلىغان بولۇپ، ئۇلار بىر تەرەپتىن مەسچىتلەردە ئېلىپ بارغان تەشۋىقاتى ئارقىلىق جامائەت پىكىرى توپلىغان، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنى قۇرۇپ، بۇ پارتىيىگە ئەزا قوبۇل قىلىشقا باشلىغان. بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى ئوچۇق بولۇپ، بارىن يېزىسىنى ئىشغال قىلىش ئارقىلىق بۇ يەردە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىئىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى دۇنياغا ئېلان قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى، بارىن قوزغىلىڭى بىلەن ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم رەسمىي ئېتىراپ قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارىن قوزغىلىڭى ھەققىدىكى دوكلاتلىرىدا" بارىن ئەكسىلئىنقىلابىي قوزغىلىڭى تەسسادىپىي بىر ۋەقە بولماستىن، بەلكى دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مىللىي ئىتتىپاقلىقنى قوغداشقا تىرىشىۋاتقان كۈچلەر بىلەن دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنىۋاتقان كۈچلەر ئوتتۇرىسىدا شىنجاڭدا ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان كۈرەشنىڭ بىر قىسىمى ھېسابلىنىدۇ. بارىن ۋەقەسى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە بۇ كۈرەشنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلەشكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ" دېيىلگەن.
غەربلىك مۇلاھىزىچىلەرنىڭ قاراشلىرى
غەربلىك مۇلاھىزىچىلەر، بارىن قوزغىلىڭىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى ھەم خىتايغا ھەمدە دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇتۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى شۇنداقلا بۇ ۋەقەنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق ھەرىكەتلەرنىڭ باشلىنىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
سىياسىي مۇلاھىزىچى مايكەل ۋىنچىستەر ئېشىيا ۋېك ژورنىلىدا ئېلان قىلغان بېيجىڭ ۋە ئىسلام ناملىق مۇلاھىزىسىدە، بارىن قوزغىلىڭى ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر ئىسلامىي تەشكىلاتنىڭ تۇنجى قېتىم خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى باش كۈتەرگەنلىكىنى كۆرسەتتى. بارىن ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنىڭ باشلىنىشى ئىدى. خىتاي دائىرىلىرى، ئەگەر بارىندىكى قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۆلگۈنچىلەرنىڭ بېلىنى قىردۇق دەپ ئويلىغان بولسا، قاتتىق خاتالاشقان بولىدۇ " دېگەن.
كانادالىق تەتقىقاتچى، دوكتور پاۋەل جۇرج شىنجاڭدىكى ئىسلامىي قوزغىلاڭ ھەققىدە كانادا ئاخبارات ئىدارىسىغا سۇنغان دوكلاتىدا، بارىن قوزغىلىڭى ئۈستىدە ئالاھىدە توختۇلۇپ " بارىن قوزغىلىڭى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى قېتىم شىنجاڭدا مىللىي مۇستەقىللىق پائالىيەتچىلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. بۇ قوزغىلاڭ شۇنداقلا شىنجاڭدا داۋاملىشىۋاتقان قوراللىق ھۇجۇملارنىڭ باشلىنىشى بولدى" دەپ كۆرسەتكەن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- د ئۇ ق زالىدا مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ۋە بارىن ئىنقىلابىنىڭ 17 يىللىقى خاتىرىلەندى
- خىتاينىڭ پامىر ۋەقەسى توغرىسىدىكى پاكىتى
- ئامېرىكىلىق پروفېسسورنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدىكى قاراشلىرى
- خوڭكوڭنىڭ "سۇمرۇغ" تېلېۋىزىيىسىدە پامىر ۋەقەسى
- خىتاي ھۆكۈمىتى "ئون سەككىز نەپەر تېررورچى ئېتىپ تاشلاندى" دېگەن كۈنلەرنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇيغۇرلارغا قىلغان بېسىملار ھەققىدە ئىنكاس
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي قوراللىق قىسىملىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن 18 كىشىنىڭ روھىغا ئاتاپ فاتىھە ئوقۇتتى
- خەلقئارا مەتبۇئاتنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدىكى ۋەقە توغرىسىدىكى ئىنكاسلىرى(2)
- ئۇيغۇرلار تاجاۋۇزچىلاردىن ئۆگەنمەيدۇ
- خەلقئارا مەتبۇئاتنىڭ پامىر ئىگىزلىكىدىكى ۋەقە توغرىسىدىكى ئىنكاسلىرى(1)
- ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى ب د ت نىڭ پامىر ۋەقەسىگە ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي ساقچى دائىرىسى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش تۈرك مەتبۇئاتلىرىدىمۇ يەر ئالدى
- خىتاي ئەسكەرلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەردى
- دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار بارىن ئىنقىلابىنى خاتىرىلىدى
- د ئۇ ق بارىن ئىنقىلابىنىڭ 16 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى
- ئابدۇرېشىت ھاجىم: زەيدىن يۈسۈپنى ئەسلەيمىز