ئەخمەتجان قاسىمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 91 يىللىق خاتىرە كۈنى (1)
2005.04.15

بۈگۈن، يەنى 15 - ئاپرىل كۈنى، 1944 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى، ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقى ھەم شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلۈكىگە بېغىشلىغان، كۈرەشچان ئۇيغۇر ئوغلانى مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 91 يىللىق خاتىرە كۈنى.
ئەخمەتجان قاسىمى 1914 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى غۇلجا شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى شۇنداقلا 1944 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. ئۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، سەبداشلىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، ئىسھاقبەك ۋە دەلىلقان قاتارلىقلار بىلەن تەڭ 1949 - يىلى ئاۋغۇستتا سىرلىق ھادىسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغان.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەييارلانغان مەخسۇس پروگراممىمىزدا، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە، مەرھۇم ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ رەپىقىسى ماھىنۇر قاسىم ۋە قىزى ئادالەت قاسىملارنى زىيارەت قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولدى.