ئەخمەتجان قاسىمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 91 يىللىق خاتىرە كۈنى (2)


2005.04.15
sulayman-ismail.jpg
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان سۇلايمان ئىسمائىل ئاكا .

بۈگۈن، يەنى 15 - ئاپرىل كۈنى، 1944 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەھبىرى، ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقى ھەم شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆرلۈكىگە بېغىشلىغان، كۈرەشچان ئۇيغۇر ئوغلانى مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 91 يىللىق خاتىرە كۈنى.

ئەخمەتجان قاسىمى 1914 - يىلى 4 - ئاينىڭ 15 - كۈنى غۇلجا شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى شۇنداقلا 1944 - يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان. ئۇ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، سەبداشلىرى ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ، ئىشاقبەك ۋە دەلىلقان قاتارلىقلار بىلەن تەڭ 1949 - يىلى ئاۋغۇستتا ھادىسىگە ئۇچراپ ۋاپات بولغان.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەييارلانغان مەخسۇس پروگراممىمىزدا، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە، قازاقىستاندا ياشۋاتقان داڭلىق دراماتورگ ئەخمەتجان ھاشىرى ۋە ئۆز ۋاقتىدا مىللىي ئىنقىلابقا قاتناشقان، ھازىر قىرغىزىستاندا ياشاۋاتقان سۇلايمان ئىسمائىل ئاكىنى زىيارەت قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.