ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا 56 يىل
2005.08.28
8-ئاينىڭ 27-كۈنى 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە داۋاملاشقان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى، گېنېرال لېيتىنانت ئىسھاقبەگ مۇنونوپ، ئابدۇكېرىم ئابباسوپ ۋە گېنېرال مايور دەلىلقان سۇگۇربايېۋ قاتارلىقلارنىڭ قازاغا ئۇچرىغانلىقىغا 56 يىل بولدى.
ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب رەھبەرلىرىنىڭ قازاغا يولۇققانلىقىغا 56 يىل بولسىمۇ، ئەمما خەلق تاكى ھازىرغىچە ئۇلارنى ئۇنتۇمىدى.
گەرچە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەرنىڭ بېيجىڭدىكى يىغىنغا قاتنىشىش سەپىرىدە ئايروپىلان ھادىسىسى بىلەن قازا قىلغانلىقى سوۋېت ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلار تاكى ھازىرغىچە بۇ تەسادىپىي ئۆلۈمگە ئىشەنمەي كەلمەكتە . مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى بولسا ئۇلارنىڭ سۇيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە، سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن رۇسىيە ئالىملىرى ۋە ژۇرنالىستلىرىنىڭ ماقالىلىرىدا بولسا، ئۇلارنىڭ ستالىن بىلەن ماۋزېدۇڭنىڭ سىياسىي سودىسىنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا. (ئۈمىدۋار)