مىللىي ئارمىيە خاتىرىسى (1)


2007.04.09

maxmut-parmeshew.jpg
سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ كاتىپى، ھازىر ئالمۇتىدا ياشاۋاتقان ماخمۇد پارماشېۋ ئەپەندىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى رەسىمى.

4-ئاينىڭ 8-كۇنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇلغان خاتىرە كۈنىدۇر. تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا 1944-يىلى نىلقا ناھىيىسىدە فاتىخ باتۇر، غەنى باتۇر باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، بۇ قوزغىلاڭ ئوتلىرى تېزدىن كېڭىيىپ، ئاخىرى غۇلجا قاتارلىق جايلارغا تۇتاشتى. نەتىجىدە، 1944-يىلى 12- نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 2-ئايغا كەلگەندە ئىلى ۋىلايىتىنى تولۇق ئازاد قىلغاندىن كېيىن پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى تىكلەش ئۈچۈن تارقاق پارتىزانلار ۋە قوزغىلاڭچىلارنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلاردىن بىر مۇنتىزىم، زامانىۋى، جەڭگىۋار قوشۇن يەنى شەرقىي تۈركىستان مىللى ئازادلىق ئارمىيىسىنى قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلغان. مىللىي ئارمىيىنىڭ ئۇنۋان تۈزۈملىرى ۋە قوماندانلىق شىتاب ھەم ئۇنىڭ تەركىبى تەسىس قىلىنغان.

قىسقا مۇددەتلىك ھەربىي تەلىم تەربىيىدىن كېيىن 1945-يىلى 4-ئاينىڭ 8-كۇنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللى ئارمىيىسى رەسمى قۇرۇلۇپ غۇلجا شەھرىدە چوڭ ھەربىي پارات ۋە ھەر قايسى قىسىملارغا بايراق تاپشۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ كاتىپى، ھازىر ئالمۇتىدا ياشاۋاتقان ماخمۇد پارماشېۋ ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۆرگەن-بىلگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى.

ئۇنىڭ ئەسلىشىچە، بۇ كۈنى غۇلجا شەھىرى قاينام تاشقىنغا چۆمگەن بولۇپ، ھەيۋەتلىك مىللى ئارمىيە قىسىملىرى رەت-رېتى بىلەن مارش دەسسەپ پاراتتىن ئۆتكەندە ھاياجانغا تولغان خەلق يىغا زارە قىلىپ، ئازادلىق ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىپ مەيدانغا چىققان بۇ قىممەتلىك پەرزەنتلىرىگە گۈللەر چاچقان، ئۇلارغا ئاللادىن نۇسرەت تىلىگەن ئىكەن. مىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇش مۇراسىمىنىڭ يىغىن سەھنىسىدە ئەلىخان تۆرە قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى ئولتۇرغان بولۇپ، ئەلىخان تۆرە نۇتۇق سۆزلەپ، ھەر قايسى پولكلارغا "شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئالغا" دېگەن شوئار يېزىلغان ھەربىي بايراقلارنى تەقدىم قىلغان.

مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى دەسلەپتە گېنېرال مايور پالىنوۋ، مۇئاۋىن باش قوماندانى پولكوۋنىك زۇنون تېيىپوۋ بولغان بولسا، قوماندانلىق شىتاب تەركىبىدە بىر قانچە بۆلۈملەر قۇرۇلغان، كېيىن گېنېرال ئىسھاق بەگ باش قوماندان، زۇنون تېيىپوۋ، دەلىلقان سۇگۇربايېۋ مۇئاۋىن باش قوماندان، ماجاروۋ شىتاب باشلىقى بولغان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا مىللى ئارمىيىنىڭ ھەربىي فورمىلىرى ۋە ھەربىي ئۇنۋان سىستېمىسى چار رۇسىيە ۋە سوۋېت ئارمىيىسىنىڭكىنى ئۈلگە قىلىغان ئىدى. تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك ھەم يۇقىرى، ئالىي دەرىجىلىك ھەربىي ئۇنۋان تۈزۈمى قوللىنىلغان بولۇپ، ئالىي دەرجىلىكلىرى، مارشال، گېنېرال لېيتىنانت بولۇپ، كېيىن مارشال ئۇنۋانى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەم ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەلىخان تۆرىگە بېرىلگەن ئىدى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 1949-يىلىغا كەلگەندە مىللىي ئارمىيە ئۈچ نەپەر گېنېرال، 25 پولكوۋنىك، 50 تىن ئارتۇق پودپولكوۋنىك، 60 تىن ئوشۇق مايور ۋە باشقا ئوتتۇرا ھەم تۆۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېرلەرگە ئىگە بولغان. ( ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.