بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 55 يىللىقىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن پۈتۈن خىتاي مىقياسىدا داغدۇغىلىق خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىغىمۇ 49 يىل توشقان.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەسىس قىلىنىشى ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن ھەمدە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە ۋەقەدۇر.
تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا 1949-يىلى 10-ئايدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان كۈندە تېخى پۈتۈن خىتاي تولۇق دېگۈدەك كوممۇنىستلارنىڭ قولىغا ئۆتمىگەن بولۇپ، شۇ قاتاردا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئېلىغا جۈملىدىن سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيىسى ھېسابلانغان ئازاد ئۈچ ۋىلايەتكە كىرمىگەن ئىدى.
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى كونتورۇل قىلىشى خىتاينىڭ رەسمىي تارىخلىرىدا " ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى"، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاتىشى بويىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئايروپىلان ھادىسىسى بىلەن قازا تاپقانلىقىدەك ۋەقەلەرگە باغلىقتۇر.
سىرلىق ئۆلۇم

تارىخىي پاكىتلارغا تايانغاندا، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر قازا قىلغاندىن كېيىن، سەيفىددىن ئەزىزى ئىلى ھۆكۈمىتى ۋە پۈتۈن ئۆلكىگە ۋاكالىتەن بېيجىڭدىكى يىغىنغا قاتنىشىپ، ئورتاق دۆلەت قۇرۇش پروگراممىسىغا ئاۋاز قوشقان. ئەنە شۇنىڭ بىلەن 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنىدىن ئېتىبارەن مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ئاخىرلاشقان. 1949-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا بۇرھان شەھىدى ۋە گومىنداڭ قىسىملىرىنىڭ قوماندانى تاۋسىيۆ قاتارلىقلار سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ۋاستىچىلىقى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسىگە تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھادىسىلەرنى "ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستلار پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىنى قوبۇل قىلىشى"، "شىنجاڭنىڭ تەچلىق بىلەن ئازاد قىلىنىش" دەپ چۈشەندۈرىدۇ. لېكىن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇشقا قاتناشقان كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئۆلۈمى ۋە شىنجاڭنىڭ تەچلىق بىلەن ئازاد قىلىنىشى مەسىلىسىدىكى كۆز قاراشلىرى باشقىچىرەكتۇر.1944-1949-يىللىرىدىكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب قاتناشقۇچىسى، سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى ، ھازىر ئالمۇتىدا ياشاۋاتقان ساۋۇت ئابدۇراخمان ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ؛
سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قولى
1949- يىلى 7-ئايدا ليۇ شاۋچى باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى موسكۋانى زىيارەت قىلغاندا ھەمدە 1949-يىلىنىڭ بېشىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەكىلى مىكويان خىتايغا كېلىپ، ماۋزېدۇڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، موسكۋا شىنجاڭنىڭ شەرتسىز تۈردە خىتاي تەركىبىگە كىرىشى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 14- خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى دېڭلىچۈن غۇلجىغا مەخپىي كېلىپ، سوۋېت كونسولىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەن ھەمدە ئۇلارنى بېيجىڭدىكى دۆلەت قۇرۇش يىغىنىغا تەكلىپ قىلغان. خىتاي رەسمىي ماتېرىياللىرىدا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ بېيجىڭغا بېرىش يولىدا ئايروپىلان ھادىسىسىدا قازا تاپقانلىقى كۆرسىتىلىدۇ، لېكىن سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن رۇسىيە تارىخچىلىرى بۇنىڭ ستالىن تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان سۇيىقەست ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇ ھادىسىگە ئۇيغۇرلارمۇ ئىشەنمەي كەلگەن بولۇپ، ساۋۇت ئابدۇراخمان ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ؛
كېچىكتۈرۈلگەن شۇم خەۋەر
تارىخىي پاكىتلارغا قارىغاندا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى دېڭلىچۈن ۋە سەيفىددىن ئەزىزى قاتارلىقلار ۋە ئىلى ھۆكۈمىتىنىڭ كېيىنكى رەھبەرلىرى ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ قازا قىلغانلىقىنى خەلقتىن مۇتلەق مەخپىي تۇتقان بولۇپ، تاكى خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىغا دېگۈدەك ئورۇنلۇشۇپ بولغاندىن كېيىن يەنى 11-ئاينىڭ باشلىرىغىچە خەلق بۇلارنىڭ قازاغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلەلمىگەن ئىدى.
ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ جەسىدى 6 ئايدىن كېيىن غۇلجىغا ئېلىپ كېلىنىپ، دەپىن قىلىنغان . بۇ چاغدا ماۋزېدۇڭ بىلەن ستالىن موسكۋادا “سوۋېت –خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسى" تۈزگەن ھەمدە سەيفىددىن ئەزىزىمۇ ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن بۇ دىپلوماتىيىلىك پائالىيەتكە قاتناشقان ئىدى.
1950-يىلى 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم بويىچە ستالىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي تەسىرىنى ساقلاپ قېلىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر ستالىننىڭ مائەزېدۇڭغا شىنجاڭنى بەرگەن بولسىمۇ، لەكىن يەنىلا خۇددى شېڭشىساي دەۋرىدىكىگە ئوخشاشلا بۇ جاينى سوۋېتنىڭ تەسىر دائىرىسى ئاستىدىكى رايون قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت تەسىس قىلىنىپ، بۇرھان شەھىدى ئۆلكە رەئىسى بولىدۇ. ئارىلىقتا 5 يىل ئۆتۈپ، بۇ ئۆلكە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئۆزگەرتىلىپ، سەيفىددىن ئەزىزى 1- قېتىملىق رەئىس بولىدۇ. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغىچە بولغان ئارىلىقا قازاق ، موڭول، قىرغىز، تۇڭگان ئاپتونوم ئوبلاستلىرى ۋە ناھىيىلىرى قۇرۇلۇپ بولغان ئىدى، بۇ چاغدا ئۇيغۇر زىيالىلىرى ئارىسىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە ئۆزلىرىگە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت ۋە ياكى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت ھوقۇقى بېرىشىغا ئىشەنگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار پۈتۈن رايون بويىچە ئاھالىنىڭ ٪ 70 دىن كۆپرەكىنى ، خەنزۇلار ئارا ٪ 5 نى تەشكىل قىلاتتى. 50 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى بۇ كۈنلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئېلىدە ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقى ھېچ كىمگە سىر بولمىسا كېرەك. (ئۈمىدۋار)