يالتا كېلىشىمىگە 60 يىل (1)
2005.02.07

بۇنىڭدىن 60 يىل ئىلگىرىكى 4-فېۋرالدىن 11- فېۋرالغىچە بولغان بىر ھەپتە ئىچىدە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى، ئەنگىلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ دۆلەت رەھبەرلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى گۈزەل مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىسى يالتىغا توپلىنىپ، دۇنيانىڭ سىياسىي تەرتىپىنى بەلگىلەيدىغان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە مەشھۇر "يالتا يىغىنى" نى ئېچىپ، ئاخىرىدا بىر قاتار مەسىلىلەر بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغان ئىدى.
2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا توغرا كەلگەن مەزكۇر يىغىن بۇنىڭدىن 60 يىل ئىلگىرىكى دۇنيانىڭ يېڭى تەرتىپىنى بەلگىلەشتىلا ئەمەس بەلكى، بۈگۈنكى كۈندىكى خەلقارا مۇناسىۋەتلەردىمۇ يەنىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. زامانىمىزدىكى كۆپلىگەن خەلقارالىق مەسىلىلەر مەسىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدىكى ۋە باشقا رايون خاراكتېرلىك دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتلەرگە ئائىت مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە ئەشۇ يالتا كېلىشىمى بىلەن باغلىنىشلىققا ئىگە.
يالتا يىغىنىنىڭ دەۋر شارائىتى
يالتا يىغىنى ئېچىلغان دەۋر گىتلېر گېرمانىيىسىگە قارشى ئۇرۇش ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا ، ئامېرىكا باشلىق ئىتتىپاقچىلارنىڭ تېچ ئوكيان دۆلەتلىرىدىكى ياپونىيە ئىشغالىيەتچىلىرىگە قارشى ئۇرۇشىمۇ ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەن، ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تىنچلىق ۋەزىيەت يارىتىش ھەمدە يېڭى دۇنياۋى تەرتىپ ئورنىتىپ، خەلقنىڭ خاتىرجەم ھاياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئومۇمىي بىر يۈزلىنىش ھەم ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بولۇپ قالغان چاغ ئىدى.
ئەينى ۋاقىتتا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت ئۈچ ئىتتىپاقچى دۆلەتنىڭ گېرمانىيە، ئىتالىيە ھەم ياپونىيە ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ت مۇددىئاسى بىر بولسىمۇ لېكىن، ئۇلار ئارىسىدا ھەم خەلقارا سىياسىي شۇنىڭدەك ئىدىئولوگىيە جەھەتلەردە مۇئەييەن پەرقلەر ۋە توقۇنۇشلار مەۋجۇت ئىدى.
يالتا يىغىنىغا ئائىت يېزىلغان ئەسەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە؛ ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيىنىڭ نەزىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنى كۆپلىگەن مەسىلىلەردە قايىل قىلىش ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىدى. ئەنگىلىيە بىلەن ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاتوم بومبىسىغا ئىگە بولۇشىغا ئالاھىدە قىزىققان بولۇپ، بۇ خىل يادرو قورالىنىڭ ئۇلاردىن ئىلگىرىرەك سوۋېتنىڭ قولىدا بولۇشىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدىسىز دەپ قارايتتى.
يىغىندا بىر قاتار مەسىلىلەر ھەل قىلىندى ھەم ياۋروپا-ئاسىيادىكى بىر قىسىم مەملىكەتلەر ۋە مىللەتلەرنىڭ تەدىرى قايتىدىن پىچىلدى.
پولشا مەسىلىسى

ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى چېرچىلنىڭ كۆپرەك كۆڭۈل بۆلگەن نۇقتىسى ياۋروپا فاشىزىمدىن ئازاد قىلىنغاندىن كېيىنكى گېرمانىيىنىڭ تەقدىرى ۋە پولشا مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ پولشا مۇستەقىل يېڭى ھۆكۈمىتىنى تەسىس قىلىش مەسىلىسىدە چىڭ تۇردى. لېكىن، ستالىن بۇنىنغا قوشۇلماي، پولشا مەسىلىسىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىخەتەرلىك نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، 30 يىل ئىچىدە پولشانىڭ ئىككى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ھۇجۇملارنىڭ كارىدورى بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا تەھدىد ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن موسكۋانىڭ مۇنداق باشقىلارنىڭ ھۇجۇملىرىغا كارىدور بولىدىغان جاينى توسۇۋېتىشنى كۆرسەتتى. چېرچىل 150 مىڭدىن ئارتۇق پولشا پىداكارلىرىنىڭ ئىتتىپاقچىلار تەرىپىدە تۇرۇپ، گېرمانىيىگە قارشى جەڭ قىلغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، پولشانىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاشنىڭ ئادالەتكە بېرىپ تۇتىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.ئامېرىكا پرىزدېنتى رۇزۋېلت بولسا، ئۇكرائىنىيە تەۋەسىدىكى لىۋوفنى پولشاغا قوشۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. لېكىن، ستالىن بۇنىڭغا قوشۇلمىدى. ئەمما، ئاخىرى تالاش-تارتىشلار ئارقىلىق بۇ ئىتتىپاقداشلار پولشا ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى تەسىس قىلىش قارارىغا كەلدى.
گېرمانىيىنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى
ئۇرۇشتىن كېيىنكى گېرمانىيىنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى 1941-يىلىدا بېرىتانىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار بۇ دۆلەتنى بىر قانچە دۆلەتلەرگە پارچىلىۋېتىشنى ئويلاشقان ئىدى. مەزكۇر نۇقتا يالتا يىغىنىدا يەنە ئاساسىي مۇزاكىرە نۇقتىسى بولۇپ قالدى ھەمدە ئۇرۇشتىن كېيىن گېرمانىيىنى پارچىلاش قارارلاشتۇرۇلۇپ، ئىتتىپاقچىلارنىڭ گېرمانىيىنى ئىشغال قىلىش دائىرىلىرى بېكىتىلدى.
يالتا يىغىنىدا يەنە يۇگوسلاۋىيە مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىپ، مەزكۇر ئۈچ دۆلەت مارشال تىتونىڭ دەرھال فاشىزمغا قارشى كۈچلەرنى ئاساس قىلىپ، بىرلەشمە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇشىنى قارار قىلدى.
يالتا يىغىنىدا يەنە باشقا مەسىلىلەرمۇ ھەل قىلىندى.
ئامېرىكا پرىزدېنتى رۇزۋېلت، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى چېرچىل ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىن ئارىسىدىكى مۇزاكىرىلەردە يەنە ئۇرۇش چىقىمى ئۈچۈن گېرمانىيىدىن 20 مىليارت دوللار تۆلەم ئېلىش، بۇنىڭ يېرىمىنى سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىش قارار قىلىنغان بولسىمۇ، بىراق، موسكۋا پۇل ئېلىش بىلەنلا چەكلەنمەستىن يەنە ئەمگەك كۈچى، سانائەت ئەسلىھەلىرى، پاراخود ۋە باشقىلارغا ئىگە بولۇش تەلىپىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.
يالتا يىغىنىڭ ئەڭ مۇھىم بىر نەتىجىسى شۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇش مەسىلىسىمۇ مۇزاكىرە قىلىنىپ، ب د ت نىڭ تەسىس قىلىنىش يىغىننىڭ 1945-يىلى 25-ئاپرېلدا سانفرانسىسكو شەھىرىدە ئېچىلىشى بېكىتىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى بولسا ئۇكرائىنىيە، بېلورۇسىيە قاتارلىق ئىككى ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتنى بدت ئەزاسى قىلىشنى قولغا كەلتۈردى. يىغىندا يەنە خىتاي بىلەن فرانسىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە بدت نىڭ تەسىس قىلىش يىغىنىغا قاتنىشىشى ھەققىدە تەكلىپ بېرىش قارار قىلىندى.
يالتا كېلىشىمى ئەينى ۋاقىتتا مەخپىي كېلىشىم بولۇپ، بۇنىڭغا خىتاي رەھبىرى جاڭ كەيشى، فرانسىيە ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ داھىسى گېنېرال دﯤ گول قاتارلىقلارنى تەكلىپ قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ نارازىلىقلىرى قوزغالغان. ئەمما دۇنياۋى يېڭى تەرتىپ يەنىلا رۇزۋېلت، چېرچىل ۋە ستالىنلارنىڭ پۈتۈشكىنىدەك ئورنۇتۇلدى خالاس. (ئۈمىدۋار)