يالتا كېلىشىمىگە 60 يىل (2)
2005.02.08

1945-يىلى 2-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى يالتا شەھىرىدە ئۆتكۈزىلگەن ئامېرىكا پرىزدېنتى رۇزۋېلت، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى چېرچىل ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى ستالىنلار ئارىسىدىكى يىغىندا ياۋروپاغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىن باشقا يەنە ئاسىياغا جۈملىدىن سوۋېت –خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەم ياپونىيىنىڭ تەقدىرىگە ئائىت مەسىلىلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىپ كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان ئىدى. يالتا كېلىشىمىڭ سوۋېت –خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئائىت قىسىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا غۇلغۇلىلار داۋام قىلماقتا. بۇ ھەقتە ھەم تۈرلۈك ئانالىزلار ۋە كۆز قاراشلار مەيدانغا چىقماقتا.
يالتا كېلىشىمى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ؟
بىر قىسىم خەلقارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قارىشىچە؛ ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىرىدىكى سىياسىي تەقدىرى مەزكۇر يالتا كېلىشىمى بىلەن مەلۇم نۇقتىدىن باغلىنىشلىققا ئىگە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق قوزغىلاڭلىرى نەتىجىسىدە 1944-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرى ئەنە شۇ ستالىن، چېرچىل ۋە رۇزۋېتلار ئارىسىدا مەيدانغا كەلگەن يالتا كېلىشىمىنىڭ خىتاي ۋە موڭغۇلىيىگە ئائىت ماددىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.
ئامېرىكا جىئورجى توۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى جامېس مىللىۋارد ئەپەندىنىڭ قارىشىچە؛ يالتا يىغىنىغا گەرچە جاڭ كەيشى قاتناشمىغان بولسىمۇ، لېكىن خۇتايغا كۆپلىگەن قارارلار قوبۇل قىلىندى.يىغىندىن كېيىن،1945-يىلى 8-ئايدا ستالىن بىلەن جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى ئارىسىدا كېلىشىم تۈزۈلدى. نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىمۇ ئۇرۇش توختىتىپ، ئەخمەتجان قاسىمىنى جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى بىلەن تېچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە ئەۋەتتى. بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىيەتتە ئەشۇ يالتا يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا كېرەك.
تۈركىيىدىكى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى دوكتور ئىقلىل قۇربان ئەپەندىنىڭ قارىشىچە؛ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ گومىندانغا قارشى ئۇرۇشىنى توختىتىپ، تېچلىق بېتىم تۈزۈشى ئەمەلىيەتتە ستالىننىڭ ساتقىنلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ستالىن شۇ كېلىشىمدىن كېيىن، شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى تەرىقىسىدە ھەل قىلىشقا تەييارلىق قىلىپ بولغان ئىدى.
يالتا كېلىشىمىدا ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىۋاستە ماددا يوق، لېكىن ئۇ يەنىلا مۇناسىۋەتلىك
يالتا يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە تېمىسى بولغانلىقى ياكى بولمىغانلىقى ھەققىدە ھازىرچە ئېنىق پاكىت يوقلۇقىنى ئەمما مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ تەقدىرىنىڭ ئەشۇ يالتا يىغىنىدىن كېيىن ستالىن بىلەن جاڭ كەيشى ئوتتۇرىسىدىكى سوۋېت –خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەر بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن رۇسىيىدىكى بارنائۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پروفېسسورى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئائىت سوۋېت ئىتتىپاقى ئارخىپ ماتېرىياللىرىنى تەتقىق قىلغان دوكتور ۋالېرىي بارمىن ئەپەندىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە؛ ئەنە شۇ يالتا يىغىندىن كېيىن ستالىن ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، قوزغىلاڭچىلارغا قورال ياراق بەرمەسلىككە ۋە ياردەم قىلماسلىققا قارار قىلدى . چۈنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بۇزىۋېلىشىنى خالىمايتى، قىسقىسى شۇ باشتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرلۇشىنى قوللاپ ئاخىرىنى ئۇنى قۇربان قىلىۋېتىشتەك ناھايىتى مەينەت بىر ئويۇننى ئوينىدى.

بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ چۈشىنىشچە؛ يالتا يىغىنىدا ستالىن شەرقىي تۈركىستاننى قۇربان قىلىش بەدىلىگە موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ شەرقىي شىمالىدىكى مەنپەئەتلىرىنى ساقلاپ قالغان. ئۇ يالتا يىغىنىدىكى كېلىشىملەر ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، خىتاي بىلەن شەرتنامە ئىمزالىغان.
سىياسىيون سىدىق ھاجى رۇزى ئەپەندى 30-40-يىللاردىكى سوۋېت –خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتىغا ئائىت "رەقىبلەر ۋە ئىتتىپاقداشلار" ناملىق مەشھۇر كىتابنى تەرجىمە قىلىش ۋە 40-يىللاردىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك خەلقارا مەسىلىلەر ھەققىدە ئىزدىنىش جەريانىدا توپلىغان بىلىملىرى ئاساسىدا يالتا كېلىشىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ، مەزكۇر يىغىندا ستالىننىڭ موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىش، مانجۇرىيە ۋە باشقا جايلاردىكى ئىمتىيازلارغا ئېرىشىش بەدىلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭىدىن قۇرۇلغان دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلىۋەتتى.
يالتا يىغىنىدا ستالىن نېمىلەرنى تەلەپ قىلدى؟
تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا يالتا يىغىنى جەريانىدا 1945-يىلى 2-ئاينىڭ 8-كۈنى ستالىن بىلەن ئامېرىكا پرىزدېنتى رۇزۋېلت مەخسۇس سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىش شەرتلىرى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ھەمدە بۇ ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى 11-فېۋرال كۈنى كېلىشىم ھاسىل قىلغان. چۈنكى ئامېرىكا تەرەپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلغان بولۇپ، ستالىن بۇنىڭ ئۈچۈن "تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مەۋجۇت ھالىتىنى ساقلاش، دالىيەننى سودا پورتى قىلىپ خەلقارالاشتۇرۇش ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى ئالاھىدە ئىمتىيازغا ئىگە بولۇش، سوۋېت ئىتتىپاقى لۈشۈن پورتىنى ھەربىي بازا قىلىپ كىراغا ئېلىش. سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو شەرقىي شىمال ھەم مانجۇرىيە تۆمۈر يولىنى ئورتاق باشقۇرۇش شۇنىڭدەك سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىمتىيازلىق ھوقۇقى ۋە جۇڭگونىڭ مانجۇرىيىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە بولۇش ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىلەن دوستلۇق شەرتنامىسى تۈزۈش" قاتارلىق شەرتلەرنى قويۇپ، ئاخىرى رۇزۋېتل ۋە چېرچىلنىڭ قوشۇلۇشقا ئەرىشتى. نەتىجىدە يۇقىرىدىكى مەزمۇنلار يالتا كېلىشىمىدىن ئورۇن ئالدى.
يالتا كېلىشىمىدىن كېيىنكى سوۋېت-خىتاي كۈرىشى
بەزى مۇتەخەسىسلەرنىڭ تەھلىل قىلىشىچە؛يالتا يىغىنىمەزگىلىدە ستالىننىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان-ئالمىغانلىقى نامەلۇم بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ستالىننىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خەلقارالاشتۇرماي ، ئۇنى پەقەت ئۆزىنىڭ يالتا كېلىشىمدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا ئىشلەتكەنلىكى مەلۇم. چۈنكى سوۋېت ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنى قوللىغانلىقىنى ئەزەلدىنلا مەخپىي تۇتقانلىقى ئۈچۈن بەلكى ئۇنى بۇ سورۇنغا ئېلىپ چىقماي، پەقەت ئۇنى خىتاي بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئارىسىدىلا مۇزاكىرە قىلىشقا قالدۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئۆز ئالدىغا پايدىلانغان. يالتا كېلىشىمىدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مولوتوف "بۇ مەسىلىنىڭ تېز ئارىدا ھەل بولىدىغانلىقىنى" كۆرسەتكەن. لېكىن، موسكۋا بەرىبىر مىللىي ئارمىيىنىڭ داۋاملىق ھۇجۇم قوزغاپ، ماناس دەرياسى بويىغىچە كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلمىغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب ستالىن بۇ جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتىنى يالتا كېلىشىمىدىكى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقى ھەم باشقا بىر قاتار شەرتلەرگە ماقۇل كېلىشكە قىستاشتىكى بىر تاكتىكىلىق رولىنى ئوينىغان.
ئەمەلىيەتتە يالتا كېلىشىمىدە چىقىرىلغان خىتاي ۋە باشقىلارغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار قارارلار مۇتلەق مەخپىي بولۇپ، جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قالغان، ئەمما بىر قانچە ئايلار ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن بەزى مەسىلىلەرنى بىلگەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىنغا قارشىلىق كۆرسەتمەكچى بولسىمۇ، لېكىن ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇلارنىڭ كۈچسىز ھەم پاسسىپ خەلقارالىق ئورنى بۇنىڭغا يول قويمىغان. جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى ستالىن ھۆكۈمىتى بىلەن تىركىشىشقا ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، لېكىن ئامالسىز قالغان. ستالىن باشتىن ئاخىرى ئاكتىپ ئورۇندا تۇرغان.
1945-6-ئايدىن باشلانغان سوۋېت –خىتاي ئۇچرۇشىشلىرىدا ستالىن ھۆكۈمىتى ئەگەر خىتاي يالتا كېلىشىمىدىكى شەرتلەرگە كۆنسىلا خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. نەتىجىدە، 1945-يىلى 8-ئىيۇن كۈنى جاڭ كەيشى يالتا كېلىشىمىدىكى ماددىلارغا ئاساسەن "ئەگەر سوۋېت ئىتتىپاقى جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمال ۋە شىنجاڭدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ھەم زېمىن پۈتۈنلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلسا، جۇڭگگو كوممۇنستلىرى ۋە شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭلارنى داۋاملىق قوللىماسلىققا كاپالەتلىك قىلسىلا، ياپونغا قارشى ئۇرۇش غەلبە قىلغاندىن كېيىن، ئومۇمى خەلق ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى بىلەن موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ شۇنىڭدەك يەنە جۇڭگو داليەننىڭ ئەركىن پورت بولۇشى، شەرقىي شىمال تۆمۈر يولى ۋە لۈشۈن پورتىنى سوۋېت –خىتاي ئورتاق پايدىلىنىشقا ئەمما باشقۇرۇش ھوقۇقى جۇڭگونىڭ قولىدا بولۇشقا قوشۇلىدۇ" دېگەندەك قارارغا كېلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپكە بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرى مەسىلىسى سوۋېت –خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئاچقۇچلۇق نۇقتىغا ئايلانغان .
سوۋېت –خىتاي دوستلۇق شەرتنامىسى ۋە ئىلى ھۆكۈمىتى
ستالىن 1945-يىلى 9-ئىيۇل كۈنىدىكى خىتاي ۋەكىلى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەسىلىسىدە توختىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن " شەخسىلەرنىڭ قورال ياراق توشۇشىنى توختىتىدىغانلىقى ھەمدە چېگرىنى قامال قىلىدىغانلىقى"نى بىلدۈردى.
ئەمما بۇ چاغدا ئىلى مىللىي ئارمىيىسى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جىڭ –شىخو لېنىيىلىرىدىكى گومىندان قوشۇنلىرىغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قىلىشقا تۇتۇش قىلىۋاتقان، شىمالىي فرونتتىكى قىسىملار بولسا، چۆچەك ۋە ئالتاي تەرەپلەرگە يۈرۈش قىلىۋاتقان مەزگىل ئىدى. جاڭ كەيشى ھۆكۈمىتى ستالىننىڭ شەرتلىرىگە قوشۇلۇشنى ئارقىغا سۈرگەنسىرى ۋە ياكى قارشىلىق بىلدۈرگەنسىرى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشۇنلىرى شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرۇپ،خىتاي ھۆكۈمىتىدە "پۈتۈن شىنجاڭ قولدىن كېتىدىغان بولدى" دېگەندەك خەۋپسىرىشىنى پەيدا قىلىپ، بۇ ئۇلارنىڭ ستالىن ئوتتۇرىغا قويغا تەكلىپلەرنى قوبۇل قىلىش سۈرىتىنى تېزلىتىش رولىنى ئويناتتى.
نەتىجىدە ستالىن ئاخىرىدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى ئۆزىنىڭ بارلىق شەرتلىرىگە كۆندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 14-ئاۋغۇست كۈنى جۇڭگو –سوۋېت دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالىدى ھەمدە مىللىي ئارمىيىنى ماناس دەرياسىدا بويىدا توختىتىپ قويۇپ، شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى گومىنداڭ مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن تېچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قىستىدى. يالتا كېلىشىمىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوۋېت ئىتتىپاقى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالاش قارارى ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭمۇ ئۇرۇش توختىتىپ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى بىلەن بېتىم تۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى خالاس.
سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەمدە 1944-1949-يىللاردىكى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى مەسىلىلىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي ئارخىپلىرى ئاساسىدا تەتقىق قىلغان رۇس ئالىمى بارمىن ئەپەندى ستالىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنى بىر ئويۇن قەرتىسى سۈپىتىدە ئويناپ، ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتىش بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازادلىق ۋە مۇستەقىللىقە يېتىش ئارزۇلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئۈمىدۋار)