«11-سېنتەبىر ۋەقەسى» خاتىرىسىدە قۇربانلار يەنە بىر قېتىم ئەسلەندى

بۇنىڭدىن 18 يىل ئىلگىرى، يەنى 2001-يىلى 11-سېنتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىدىكى زور ۋەقەلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇ كۈنى ئامېرىكانىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى دۇنيا سودا مەركىزىنىڭ قوشماق بىناسى تېررورچىلارنىڭ ئايروپىلان ھۇجۇمىدا گۈمۈرۈلۈپ چۈشكەندىن كېيىن دۇنياۋى مىقياستا «تېررورلۇققا قارشى دۇنياۋى بىرلىكسەپ» ھاسىل بولۇشقا باشلىغان ئىدى.

بۇ يىلقى «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» خاتىرىسىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ كۈننىڭ تېررورلۇققا قارشى دۇنياۋى كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك بىردەك «بىز بۇ كۈننى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمىز» دېدى. 11-سېنتەبىر كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بەش بۇرجەكلىك بىنادا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىدە دونالد ترامپ «11-سېنتەبىر ۋەقەسىنىڭ قۇربانلىرى مەڭگۈ يادىمىزدا» دېدى.

بۇ كۈن ھارپىسىدا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىمۇ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 11-سېنتەبىر قۇربانلىرىنى ياد ئېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك ئەنە شۇ قېتىملىق ۋەقەدىن كېيىن باشلانغان «تېررورلۇققا قارشى دۇنياۋى كۈرەش» دولقۇنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نى سۇيىئىستېمال قىلىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى كۈچەيتكەنلىكىنى، نۆۋەتتە بولسا «تېررورلۇقنىڭ ئالدىنى ئېلىش» باھانىسىدە ئۈچ مىليونچە ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىۋالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

باياناتتا ئۇلار خەلقئارا جامائەتنى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇق» نى سۇيىئىستېمال قىلىپ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ھالدا «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنى داۋام قىلدۇرۇشى ئوتتۇرىسىدىكى روشەن پەرقنى تونۇپ يېتىشكە چاقىردى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىيەتتە «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» نىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن تېررورلۇقنىڭ قۇربانلىرىنى ياد ئېتىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان تىنچ ئاھالىنىڭ ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قېلىشىغا خەلقئارا جامائەتنىڭ ياردەم قىلىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى. بۇ جەھەتتىكى كونكرېت ياردەم تۈرلىرىنىڭ بىرى قاتارىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارغا دائىر قانۇن لايىھىلىرىگە ئىمزا قويۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئامېرىكا پۇقرالىرىدىن ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا تېلېفون قىلىش ياكى ئۇلارغا خەت يېزىش تەلەپ قىلىندى.