30- ۋە 31-ئۆكتەبىر كۈنلىرى ئىتالىيەنىڭ رىم شەھىرىدە ئېچىلماقچى بولغان «20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» (G20) يېقىنلاۋاتقاندا «خىتايغا قارىتا خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» (IPAC) خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ قېتىملىق يىغىندىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىگە پايدىلىق بىر قىسىم «شېرىن چۈش» لەرنى ئەمەلگە ئاشۇرىۋېلىشىغا قارشى پائالىيەتلەردە بولماقتىكەن.
ئەنگلىيەدىكى «كۆزەتكۈچى» تورىنىڭ 25-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىملىق يىغىنغا ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەت باشلىقلىرى قاتنىشىدىكەن. ئەمما خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋەكىلىنى يىغىنغا ئەۋەتىدىكەن. ئەمما ئۆزى بىۋاسىتە يىغىنغا قاتناشمايدىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق قىلمىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ھەرىكىتىنى باستۇرۇشى نۇقتىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان تېمىلاردىن بولۇشى مۇمكىن، دەپ تەخمىن قىلىنماقتىكەن. شۇ سەۋەبتىن IPAC مۇشۇ قېتىملىق يىغىن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ خىتايغا قارشى بىر قاتار نارازىلىق پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىمەكتە. مەزكۇر پارلامېنتلار بىرلەشمىسىگە ئەزا بولغان شەخسلەر ئىچىدە ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى ماركو رۇبيو، بوب مېنېندېز قاتارلىق دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى دۇنكان سىمىس قاتارلىق سىياسىيونلار بار بولۇپ، ئۇلار بۇ قېتىمقى يىغىنغا بىۋاسىتە قاتناشماقچى ئىكەن. مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ قوش رەئىسلىرىنىڭ بىرى بولغان دۇنكان سىمىس ئەپەندى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ; «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئوڭايلا ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا يول قويمايمىز. چۈنكى ئۇلار ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ، دېڭىزدا زومىگەرلىك قىلىپ باشقىلارغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ» دېگەن.
IPAC تەشكىللىمەكچى بولغان بۇ نامايىشنىڭ كۆلىمى تارىختىكى ئەڭ زور سەۋىيەدە بولۇپ، خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى «خىتاينىڭ 20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنىدا شېرىن چۈشلىرىنى بۇزۇپ تاشلاش» دەپ قارالماقتىكەن. يەنە كېلىپ بۇ قېتىمقى يىغىنغا تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى پېنپا سېرىڭ، تەيۋەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوسېف ۋۇ قاتارلىقلارمۇ قاتنىشىدىغان بولۇپ، ئۇلاردىن باشقا بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە خوڭكوڭ پائالىيەتچىلىرىمۇ رىمغا يولغا چىقىش ئالدىدا ئىكەن.