2013 - يىلى دۇنيا مىقياسىدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانى كۆپەيگەن

ئۆلۈم جازاسىغا قارشى بىر ئىتالىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، 2013 - يىلى دۇنيا مىقياسىدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ سانى كۆپىيىپ، خىتاي يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ قالغان.

دوكلاتتا، ئۆتكەن يىلى دۇنيا بويىچە 4106 ئادەم ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنىپ،2012 - يىلقىدىن ئېشىپ كەتكەن. خىتاي ئۆتكەن يىلى 3000 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلۈمگە بۇيرۇپ، دۇنيا بويىچە ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغانلارنىڭ 76 % نى تەشكىل قىلغان.

مەزكۇر ئورگاننىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا يەنە، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى شەرقىي تۈركىستاندا قاتتىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈلۈپ، 2009 - يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە «دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچقا يەتكەنلىكى، بۇنىڭ شۇ يىلى يۈز بەرگەن «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن.

دوكلاتتا يەنە، 2012 - يىلى بۇ جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغانلارنىڭ 2011 - يىلقىدىن ئازايغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق تېررورلۇق قاتارلىق باشقا خىل جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنىڭ سانى ھەققىدە توختالمىغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتايدا 2013 - يىلى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغانلار ئالدىنقى يىل بىلەن ئوخشاش سەۋىيەنى ساقلاپ قالغان.

خىتاي 2007 - يىلى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئۆلۈم جازاسىنى ئالىي سوت تەستىقلاشنى يولغا قويغان.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، شۇنىڭدىن بۇيان خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ئازىيىشقا قاراپ ماڭدى، دەپ قارالسىمۇ، بىراق ئۆلۈم مەھكۇم قىلىنغانلارنىڭ ئەمەلىي سانى كىشىلەر تەخمىنەن قىلغاندىن كۆپ يۇقىرى بولغان.