ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى «20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى»دا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشمىگەن

«20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى»غا قاتنىشىۋاتقان ئەنگىلىيە باش مىنستىرى رىشى سۇناك (Rishi Sunak) يىغىن مەزگىلىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈشكە كېلىشكەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى پەيتتە بۇ كۆرۈشۈشنى بىكار قىلغان.

BBC تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن 16-نويابىر كۈنى كۆرۈشمەكچى بولغان. ئەمما بۈگۈن، يەنى 16-نويابىر كۈنى رۇسىيە پولشغا بومبا ئېتىپ، بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دۆلەت باشلىقلىرىنى پاراكەندە قىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ھىندۇنېزىيەدە جىددىي يىغىن چاقىرغان. رىشى سۇنال ئالدىراش بولۇپ كېتىپ، شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

رىشى سۇناك 15-نويابىر كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، خىتاينى باشتا «تەھدىت» دەپ، ئارقىدىن «رىقابەتچى» دېگەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇ: «خىتاي بىلەن بىزنىڭ قىممەت قارىشىمىز تۈپتىن ئوخشىمايدۇ» دېگەن. ئۇنىڭ ھۆكۈمەت باياناتچىسى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش جەھەتتىكى تونۇشىنىڭ ناھايىتى ئېنىق ئىكەنلىكىنى، خىتاينى «ئۇزۇن مۇددەتلىك رەقىپ» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆرۈلۈشىچە، رىشى سۇنالنىڭ بۇ قېتىم شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشمەسلىكى خىتايدا چوڭ غولغۇلا قوزغىغان. ئەنگىلىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ يامانلىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئەنگىلىيەدىكى كونسېرۋاتىپ پارلامېنت ئەزالىرى ئەنگىلىيەنىڭ خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئىلگىرىكى باش مىنىستېر لىز تراس خىتاينى «تەھدىت» دېگەنىدى. ئەنگىلىيەنىڭ 7 پارلامېنت ئەزاسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ جازاسىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە رىش سۇنالنىڭ ھازىرقى خەۋپسىزلىك مىنسىتىرى توم تۇگېندات (Tom Tugendat)، ئىلىم-پەن مىنسىتىرى نۇسرەت غەنى قاتارلىقلارمۇ بار ئىدى.