29-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق 23 دۆلەت ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ئورتاق بايانات ئېلان قىلىشى خىتاينى قاتتىق نارازى قىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى»، «خەلق تورى» ۋە شۇنىڭدەك بارلىق ئاخباراتلىرىنى ئىشقا سېلىپ، يۇقىرىقى دېموكراتىك دۆلەتلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى.
«يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» 31-ئۆكتەبىر كۈنى بىر ئوبزور ئېلان قىلىپ، يۇقىرىقى 23 دۆلەتنى «ئامېرىكانىڭ بىر ئۇچۇم شېرىكلىرى» دەپ ئاتىغان ۋە ئۇلارنى «ب د ت دا خىتايغا قارشى قەستەن يالغانچىلىق قىلىپ قارا چاپلىماقچى بولدى،» دەپ ئەيىبلىگەن. «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» يەنە بېلارۇسىيە ۋەكىلىنىڭ 54 دۆلەتكە ۋاكالىتەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى قوللاپ بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، «مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ شىنجاڭغا چېتىشلىق مەسىلىلەردىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ شىنجاڭدا قوللانغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى،» دېگەن.
«خەلق تورى» بۇ ھەقتىكى ئوبزورىدا «خىتاينىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇقىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
ھالبۇكى ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي نىشان قىلغان زور كۆلەملىك نازارەت ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى يولغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ب د ت دىن رايوندا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» دا 2 مىليون ئەتراپىدا كىشىنىڭ زۇلۇم كۆرۈۋاتقانلىقى، لاگېر سىرتىدىكىلەرنىڭمۇ ھەر تۈرلۈك تەقىبلەشنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ھەم ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى. سوفى رىچاردوسون قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوخشاش كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ئېغىر مەسىلىسى بار دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى قوللاپ قىلغان سۆزلىرىنىڭ پاكىتنى يوشۇرۇشقا يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.