2017-يىلىنىڭ ئاخىرى ياپونىيەنىڭ شۇ چاغدىكى باش ۋەزىرى شېنزو ئابېنىڭ تەكلىپى بىلەن قۇرۇلغان «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» ئامېرىكا، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە ۋە ياپونىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى ھەمكارلىقىنى بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە ئېلىپ چىقىشقا باشلىغانىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئەينى ۋاقىتتا «بۇ بىر ئوچۇم كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇردىكى ئىدىيەىىسى. بۇ ئىدىيە خۇددى تىنچ ئوكيان ياكى ھىندى ئوكياننىڭ كۆپۈكلىرىدەك قانداق پەيدا بولغان بولسا شۇنداق تېز غايىب بولىدۇ» دېگەنىدى. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىتتىپاقتىن بارغانسېرى ئېغىر ۋەھىمىگە چۈشۈۋاتقانلىقى ئاشكارا بولماقتا ئىكەن. كېۋىن رۇد ئىمزاسىدا «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلىغا بېسىلغان بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە ماقالىسىدە بۇ ئەھۋال تەپسىلىي مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.
ئاپتورنىڭ قارىشىچە، «تۆت دۆلەت ئىتتىپاقى» نىڭ بىردەك «خىتاي بىز ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك رەقىب» دېگەن ئورتاق تونۇشقا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق بارغانسېرى كۆپەيمەكتە ئىكەن. 2020-يىلى خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا توقۇنىشىدىن كېيىن بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ھەمكارلىق تېخىمۇ كۈچەيگەن. ئەنە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۈك ئىقتىسادىي «پايدا-مەنپەئەت» ۋە «ئەدەبلەش» لەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سېلىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى پارچىلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇپ باققان بولسىمۇ، بۇ ھال ئەكسىچە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى پارچىلاشتىن ئۈمىد ئۈزۈپ، بۇ ئىتتىپاققا قارشى «سىياسىي ھۇجۇم» نى باشلىغان.
يېقىنقى مەزگىللەردە خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى زېمىن داۋاسى زومىگەرلىكى ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نوبۇ كىشى ئوچۇق قىلىپ «خىتاينىڭ بۇ رايونلاردىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى ۋە ئىغۋاگەرچىلىكى رايون بىخەتەرلىكىنى ئېغىر تەھدىتكە يۈزلەندۈرۈۋاتىدۇ. ھەممەيلەن ئۈچۈن زىيانلىق بولغان بۇ قىلمىشتىن بىز بەكمۇ ئەندىشىدە قېلىۋاتىمىز» دېگەن. ئۇ «مۇھاپىزەتچى» گېزىتى بىلەن بولغان مەخسۇس سۆھبەتتە بۇ سۆزلەرنى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى خىتاينىڭ مۇشتۇمزورلۇق قىلمىشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان.