چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى «4-ئىيۇن ۋەقەسى» نى خاتىرىلىدى

1989-يىلى، 4-ئىيۇن كۈنى، بېيجىڭ تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ باستۇرۇلۇشىنىڭ 28 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە باشقا بىر قىسىم ئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى مەزكۇر ۋەقە قۇربانلىرىنى تۈرلۈك شەكىلدە خاتىرىلىدى.

رادىئومىز خىتاي تىلى بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى«پۇقرالار ھوقۇقى» ئاتاقلىق دېموكراتىك ئۆكتىچى زات ياڭ جيەنلىنىڭ باشچىلىقىدا 3-ئىيۇن كۈنى ئاخشامدىن 4-ئىيۇن سەھەرگىچە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە مەخسۇس 4-ئىيۇن ۋەقەسىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئاچقان ۋە تيەنئەنمېن قۇربانلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن.

شۇ كۈنى يەنە ئامېرىكانىڭ سان-فرانسىسكو شەھىرىدىكى خىتاي ئاھالىسى بۇ يەردىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا ئالدىدا كومپارتىيەنىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇشىغا ئائىت سۈرەت كۆرگەزمە پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن.

6-ئاينىڭ 3-كۈنى كېچىدە خىتاينىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىگە جايلاشقان باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا بىر قىسىم خىتاي دېموكراتىيە ھەرىكەت ئەزالىرى شام يېقىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ ۋە نۇتۇق سۆزلەپ، 4-ئىيۇن ۋەقەسىنى خاتىرىلىگەن شۇنىڭدەك شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىدىن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى ئاقلاش پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇنداق شام يېقىش ئارقىلىق 4-ئىيۇن قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش خوڭكوڭدىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىمۇ «4-ئىيۇن ۋەقەسى» نىڭ 28 يىللىقىغا ئاتاپ مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ۋەقە قۇربانلىرىغا بولغان ھېسداشلىقى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دېموكراتىيە تەلەپ قىلىپ، تىنچ نامايىش قىلغان ئوقۇغۇچىلارنى باستۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى.