ئەنگلىيە ئارخىپى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئون مىڭ ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

يېقىندا ئەنگلىيە تەرەپ 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك بىر پارچە مەخپىي ئارخىپ ھۆججىتىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، مەزكۇر مەخپىي ھۆججەتتە 1989-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى باستۇرۇشتا خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئاز دېگەندە ئون مىڭ ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى بايان قىلىنغان.

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سانلىق مەلۇماتنى ئەينى ۋاقىتتىكى بېيجىڭدىكى ئەنگلىيە باش ئەلچىسى ئالان دونالد خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن بىر كىشىدىن ئېرىشكەن.

تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانچىلىك ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ھازىرغىچە ئېنىقسىز سىر بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمەت تەرەپ ئاساسلىقى پۇقرالار، ئاز ساندىكى ئامانلىق خادىملىرىدىن بولۇپ، بىر قانچە يۈز ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بۇ رەقەملەر قايىل قىلىشقا ئېرىشەلمەي كەلمەكتە ئىدى.

سابىق ئەنگلىيە باش ئەلچىسى ئالان دونالد 1989-يىلى، 5-ئىيۇن كۈنى مەزكۇر مەخپىي تېلېگراممىسىنى يوللاپ، ئاز دېگەندە ئون مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئائىت «ئۇچۇر مەنبەسىنىڭ مەلۇم بىر ئۇچۇر يەتكۈزگۈچى ئىكەنلىكى»، «بۇ ئادەمنىڭ بۇ ئۇچۇرلارغا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارلىق ۋەزىپىسىدىكى مەخپىي دوستى ئارقىلىق ئېرىشكەنلىكى ۋە مەزكۇر ئۇچۇرلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ ناھايىتى ئىشەنچىلىكلىكى» نى ئەسكەرتكەن. بۇ ھۆججەتتە برونېۋىكلارنىڭ كۆپ قېتىم ئوقۇغۇچىلارنى بېسىپ ئۆتكەنلىكى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسكەرلەرنىڭ ئوققا تۇتۇشىغا ئۇچرىغانلىقى، جەسەتلەرنىڭ ئاخىرى بىر يەرگە توپلىنىپ كۆيدۈرۈلگەندىن كېيىن جەسەت كۈللىرىنىڭ ئەۋرەز يولى ئارقىلىق ئېقىتىۋېتىلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

بۇ ئارخىپ ھۆججىتى لوندوندىكى ئەنگلىيە دۆلەت ئارخىپخانىسىدا ساقلانغان بولۇپ، بۇ يىل 10-ئايدا مەخپىيىتى بىكار قىلىنغان ۋە مەتبۇئاتلارغا ئاشكارىلانغان.