بۈگۈن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھازىر نەزەربەند ئاستىدا تۇرۇۋاتقان 4 نەپەر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى.
31-مارت كۈنى خۇ شىن، يۈەن دۇڭ، جاڭ باۋچېڭ ۋە ما شىنلى قاتارلىق 4 نەپەر ئاكتىپ بېيجىڭدىكى شىدەن مەيدانىدا چىرىكلىككە قارشى پائالىيەت قىلىپ، ھۆكۈمەتتىن پارىخورلۇقنى تۈگىتىشنى، ئەمەلدارلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئاشكارىلاشنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار چىرىكلىككە قارشى شوئارلار يېزىلغان پلاكاتلار بىلەن مەيداندا نۇتۇق سۆزلەۋاتقان ۋاقتىدا ساقچىلار تەرىپىدىن «قانۇنسىز يىغىلىش قىلىش» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان.
خىتاي قانۇنلىرىغا ئاساسەن ئادەتتە «قانۇنسىز يىغىلىش» قىلغانلار 5 يىلغىچە قاماق جازاسى بىلەن جازالىنىدۇ.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنى تەنقىد قىلىپ، بۇ ئاكتىپلارنىڭ قولغا ئېلىنىشى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ چىرىكلىككە قارشى كۈرەش قىلىش ۋەدىسىنىڭ راستلىقىغا نىسبەتەن گۇمان پەيدا قىلىدۇ، دېدى.
مەزكۇر تەشكىلات چىرىكلىكنى يىلتىزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، بۇ شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىيىتىنى سىنايدىغان بىر ئىمتىھان، ئۇ ئۆزىنىڭ باشقا رەھبەرلەردىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى كېرەك، دېدى.
شى جىنپىڭ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ خىتاي خەلقىگە بەرگەن ئەڭ چوڭ ۋەدىسىنىڭ بىرى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىكى چىرىكلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ھەققىدە ئىدى.