خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دۇنياسىدىكى ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ھەققىدىكى تەنقىدلىرىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىر ئىپادىسى مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇستەقىل تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىگە چەك قويۇشتا ئىپادىلىنىپ كەلمەكتە.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 22-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق 40 نەچچە دۆلەت بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇستەقىل ۋە چەكلىمىسىز تەكشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىشقا چاقىردى. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بىرلەشمە باياناتتا «ئىشەنچلىك مەلۇماتلار ئاللىقاچان بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشىنىڭ قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشكە ھېچقانداق چەكلىمە قويماسلىققا جىددىي دەۋەت قىلىمىز» دېيىلىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا تېزدىن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ «سىياسىي غەرەز ئارىلاشقان تەكشۈرۈش» نى رەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇ خىل تەكشۈرۈشنىڭ جەزمەن ھەمكارلىق ئاساسىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ رەئىىسى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇستەقىل تەكشۈرۈش پائالىيىتى ئىزچىل زىددىيەتلىك مەسىلىلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر بايانات ئېلان قىلىنغانىكەن.