43 دۆلەت ب د ت دا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى تەنقىد قىلغان

ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، كانادا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۇنيادىكى 43 دۆلەت 21-ئ‍ۆكتەبىر كۈنى ب د ت دا ئىمزالىق بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىياتى ئىشخانىسىنى ئۆز ئىچىگە ئ‍الغان مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ھەقىقىي ۋە چەكلىمىسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشى، ب د ت ئىرقىي ئايرىمىچىلىقنى يوقىتىش كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار 8 خىل تەكلىپىنى دەرھال ئەمەلىيلەشتۈرۈشى تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھەرقانداق بىر تەكشۈرۈش «دەلىل توپلاشنى مەقسەت قىلماسلىقى كېرەك» دېگەن شەرتنى قويۇپ، مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا شەرتسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى رەت قىلىپ كەلگەن ئىدى. 43 دۆلەتنىڭ بۇ قېتىملىق باياناتىنى فرانسىيەنىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكولاس دې رېۋېرى ئوقۇغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىشەنچلىك دوكلاتلار بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم خالىغانچە تۇتقۇن قىلىنىپ قامالغان ‹سىياسىي قايتا تەربىيەلەش› لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى كۆرسەتمەكتە. بىز قىيىن-قىستاق، رەھىمسىزلىك، غەيرىي ئىنسانىي مۇئامىلە، خورلاش، جازالاش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، جىنسىي زوراۋانلىق، بالىلارنى مەجبۇرىي ئايرىۋېتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ كۆلەملىك ۋە سېستىمىلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپساندىچىلىكىگە ئائىت دوكلاتلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.»

باياناتتا يەنە دىنىي-ئېتىقاد ۋە يۆتكىلىش ئەركىنلىكى، ئۇيۇشۇش ۋە پىكىر ئەركىنلىكى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ قاتتىق چەكلەنگەنلىكى، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك قارا-قويۇق نازارەت قىلىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ دوكلات ئېلان قىلىش قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقى، ئۇنى تېزراق ئېلان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىپ: «بىز بارلىق دۆلەتلەرنى قايتۇرماسلىق پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشقا چاقىرىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاينى خەلقئارا پۇقرالار ۋە سىياسىي ھوقۇق ئەھدىنامىسىنى كېچىكتۈرمەي ماقۇللاشقا چاقىرىمىز،» دېيىلگەن.

مەزكۇر باياناتقا تۈركىيەمۇ ئىمزا قويغان بولۇپ، بۇ تۈركىيەنىڭ ب د ت دا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بۇ خىل باياناتقا ئىمزا قويۇشىدۇر.