دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دېڭىز ئارمىيە بىرلىكى خىتايغا قارشى ھەربىي مەشقلىرىنى باشلىغان

«4 دۆلەت ئىتتىپاقى» ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى 5 دۆلەت بىرلىشىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دېڭىز ئارمىيە بىرلىكى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، خىتاينىڭ تەيۋەن ۋە ئەتراپتىكى قوشنا دۆلەتلەرگە سېلىۋاتقان تەھدىتىگە قارشى ھەربىي مەشقلىرىنى باشلىغان.

CNN تورىنىڭ 1-ئىيۇن خەۋەر بېرىشىچە، ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن تەشكىل تاپقان «4 دۆلەت ئىتتىپاقى» بىلەن خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى ھىندۇنېزىيە، فىلىپپىن، مالايسىيا، سىنگاپور، برۇنى قاتارلىق بەش دۆلەت دېڭىز ئارمىيەسى 29-ئىيۇندىن 4-ئاۋغۇستقىچە خىتاينىڭ رايون تەھدىتىگە قارشى ھەربىي مەشق ئېلىپ بارىدىكەن. بۇنىڭغا 26 دۆلەتتىن 25 مىڭ ئادەم قاتناشتۇرۇلىدىكەن، 38 ئۇرۇش پاراخوتى، 4 سۇ ئاستى كېمىسى، 170 ھۇجۇمچى ئايروپىلان ئىشقا سېلىنىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ۋاڭ يى بۇ بىرلىكنى «ئاسىيانىڭ ناتوسى» دەپ ئاتىغان ۋە ئۇنى ئەيىبلەپ: «بۇ بىرلىك سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئىدىيەسىگە ئىلھام بەرمەكتە» دېگەن.

ئامېرىكا تىنچ ئوكيان باش شىتابى ھەربىي ھەرىكەت بۆلۈمى ئىستىخبارات مەركىزىنىڭ سابىق دىرېكتورى كارىل شاستىر (Carl Schuster) بۇ بىرلىكنىڭ ھەربىي جەھەتتىنلا ئەمەس، سىياسىي جەھەتتىنمۇ ئەھمىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «بۇ بىرلىكنىڭ ھەرىكىتى ئامېرىكانىڭ ئۆز ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دۇنيا مىقياسىدىكى دېڭىز ئارمىيە كۈچىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىۋاتقانلىقى ۋە كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەنە <ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى تەسىرى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، بولۇپمۇ دېڭىز ئارمىيە كۈچى چېكىندى> دەپ قاراۋاتقان تەھدىتكار دۆلەتلەرگە بېرىلگەن بىر سىگنالدۇر».

خىتاي ئۇزۇندىن بېرى جەنۇبىي دېڭىزدا ئىغۋاگەرچىلىك قىلىپ، ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىپ كېلىۋاتقان ئىدى، ئوكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىمۇ جىددىيلەشتۈرۈپ قويغانىدى. كارل شاستىرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تەيۋەن ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى باشقا دۆلەتلەرگە تەھدىت سالغاچقا، ھىندۇنېزىيە، مالايسىيا قاتارلىق بەش دۆلەتمۇ بۇ ھەربىي مەشققە قاتناشقان.