دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 26 يىللىقى خاتىرلەندى

5-فېۋرال كۈنى دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ 26 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

بۇ خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدە خەلقئارانىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشى، خىتاي ئەمەلدارلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشى، شۇنداقلا ئارىدىن 26 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ، «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نىڭ ھەقىقى ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ، قىرغىنچىلىقتا ئۆلتۈرۈلگەن، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون، نيۇ-يورك ۋە كانادانىڭ تورونتو قاتارلىق بىر قانچە شەھەرلىرىدە، ياۋروپادىكى گېرمانىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان، شۇنداقلا جەنۇبىي ئاسىيادىكى باڭلادېش قاتارلىق دۆلەتلاردە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق قىلىدىغان مۇسۇلمانلار، خىتاينىڭ بۇ ئەللەردىكى ئەلچىخانا، كونسۇلخانا ئالدىلىرىدا، ئاممىۋىي مەيدان ياكى يىغىلىش ئورۇنلىرىدا نامايىش قىلىش، خاتىرە يىغىنى ئۆتكۈزۈش، خەتمە قۇرئان قىلىش قاتارلىق شەكىللەردە خاتىرلىگەن.

ۋاشىنگتوندىكى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى ئۇيغۇر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. نيۇ-يورك شەھىرىدىكى پائالىيەت «ئۇيغۇر ھەركىتى تەشكىلاتى» نىڭ باشچىلىقىدا ب د ت باش شتابىنىڭ ئالدىدا ئېلىپ بېرىلدى. كانادادىكى خاتىرىلەش پائاليىتى كانادانىڭ تورونتو، ۋانكوۋېر، كالگارى قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. تورونتو شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ يېنىدىكى مەيداندا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە، نامايىشچىلار قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارلىقىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە نامايىش ئۆتكۈزۈپ، قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانلىرىنى خاتىرلىگەن.

ئ‍وخشاش بىر ۋاقىتتا باڭلادېشتىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىمۇ نامايىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش، ۋېلسىپىتلىك مارافون يۈرۈشى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، «5-فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلىگەن. ھىندىستاندىكى «پرىنت» تور گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ پائائىيەتلەر 5-فېۋرال كۈنى باڭلادېشنىڭ داككا، گازىپۇر، كۇلنا، چىتتاگوڭ قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 1997-يىلى 5-فېۋرال كۈنى غۇلجادا تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلىپ، ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى قانلىق باستۇرغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە 9 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى قەيت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن شاھىتلار ۋە ۋەقەدەن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، 200 دەك ئۇيغۇرنىڭ ئۆلگەنلىكى، نەچچە مىڭ ئۇيغۇر ياشنىڭ ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.