مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نى خاتىرىلىدى
2022.07.05
2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 13 يىللىق خاتىرىسىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئوخشىمىغان شەكىللەردىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق بۇ ماتەم كۈنىنى ياد ئەتتى.
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر جامائىتى تەشكىللىگەن نارازىلىق نامايىشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان شېھىدلەرگە بولغان دۇئا-تىلەكلىرىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ئاقساراي ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا نامايىشچىلارنىڭ قوللىرىدا لەپىلدىگەن ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى توۋلانغان شوئارلار ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنى تەن ئالماسلىق ئىرادىسىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا بولغان قارشىلىقىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئامېرىكا جامائىتىنى ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقلار ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى.
نامايىشچىلار توۋلىغان شوئارلار ئارىسىدا «ئۇيغۇرلارغا ئازاتلىق!»، «شەرقىي تۈركىستانغان مۇستەقىللىق!»، «يوقالسۇن خىتاي فاشىستلىرى!» دېگەندەك مەزمۇنلار ئالاھىدە ئورۇن ئالدى.
تۈركىيە، گېرمانىيە، فرانسىيە، شىۋېتسىيە، نورۋېگىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەشكىللىگەن ھەر خىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» ھەققىدە مەلۇماتلىق قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ۋەتەن ۋە خەلق چۈشەنچىسىگە يېڭى مەزمۇنلارنى قوشتى. بولۇپمۇ «شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق مارشى»، «شەرقىي تۈركىستان بايرىقى» قاتارلىق سىمۋوللۇق مەزمۇنلار بۇ پائالىيەتلەردە دائىمقىدەك ئۇنتۇلماس تېمىلاردىن بولدى.
بۇ خىلدىكى نامايىشلار ھەققىدە ئىلگىرى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇستەقىل سىياسىي ئانالىزچى ئىلشات ھەسەن: «بۇنداق پائالىيەتلەر ئەمەلىيەتتە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان مەزمۇنلىرىدىن بىرى. چۈنكى بىز مۇشۇنداق نامايىشلارنى ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ئىرادىسىنى تاۋلايدىغان، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان ئەنئەنىسىنى داۋام قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئۆزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلۇق بۇرچىمىزنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدە بولسىمۇ ئادا قىلالايمىز،» دېگەن ئىدى.