5 - ئىيۇل قۇربانلىرىنىڭ تاۋابىئاتلىرى ئۈرۈمچىگە كىرىشتىن چەكلەنگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.07.06

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 3 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلتۈرۈلگەن قېرىنداشلىرىنى ئەسلىمەكچى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىگە كىرىشى چەكلەنگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچىدىكى ئېتنىك توقۇنۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ئۇلار ئۈچۈن ھازا تۇتۇشتىن چەكلەندى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە قازا قىلغان ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلىپ ئىز - دېرىكى بولمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلەتاۋابىئاتلىرى نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، قەشقەرنىڭ مەكىت ناھىيىسىدە دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك كىشىلەرنىڭ يانفون ۋە كومپيۇتېرلىرى ئېلىپ كېتىلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىقى يېتىپ كېلىشتىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرىلا ئۈرۈمچىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەن ۋە كەڭ كۆلەملىك قارشىلىق ھەرىكىتىنى بېسىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلىنغان ھەربىي مانېۋىر باشلىغان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى كوچىلىرىدا چارلاش ساقچىلىرى كۆپەيتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.