بۇ يىل 5-ئىيۇل «ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ خاتىرە كۈنى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىغا توغرا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار دۇنيانى زىل-زىلىغا سالغان بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ 11 يىللىقىنى ھەر خىل شەكىللەردە خاتىرىلىدى. 4-ۋە 5-ئىيۇل كۈنلىرى ئامېرىكا، كانادا، تۈركىيە، ئاۋسترالىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيە، شۋېتسارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە نامايىش قىلىش، توردا مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى. 4-ئىيۇل كۈنى ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى» بىلەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى» ئايرىم ئايرىم پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» دىكى رولىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان.
كانادانىڭ تورونتو، مونتېريال، كالگارى، گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن، تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، 5-ئىيۇل قۇربانلىرىنى ياد ئەتكەن ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوراللىق باستۇرغانلىقىنى ئەيىبلەپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى، غايىبلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئاشكارىلاشنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى تەلەپ قىلغان. ئاۋسترالىيەدىكى دارمېن فوندى جەمئىيىتى بولسا تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى، خىتاينىڭ سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى قاتارلىق تېمىلارنى مۇزاكىرە قىلغان شۇنداقلا شاھىتلار گۇۋاھلىق بەرگەن.
5-ئىيۇل كۈنى شۋېتسارىيەنىڭ زۈرېخ شەھىرىدىكى تىبەتلەر خىتاينىڭ زۈرېختىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، «5-يۇل قىرغىنچىلىقى» نى ئەيىبلىگەن. لېكىن خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ شىكايىتى بىلەن ساقچىلار نامايىشچىلارنى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا تۇرۇشىنى چەكلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۈرۈمچىدە تىنچ نامايىش قىلىپ، «شاۋگۈەن ۋەقەسى» گە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇرلارنى قوراللىق باستۇرغان. بۇنىڭ بىلەن نامايىش ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى مىللىي توقۇنۇشقا ئايلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ خىتايلار ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، مىڭلىغان ئۇيغۇرنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلدى.