شاھىتلارنىڭ كۆزىدىن «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» غا قايتا نەزەر تاشلاندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019.07.09

ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناسلاردىن دەررىن بايلېر «5-ئىيۇل قىرغىنچىلىقى» نىڭ ئون يىللىق خاتىرىسىدە ئېلان قىلغان چوڭ ھەجىملىك ماقالىسىدە شۇ قېتىملىق ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلارنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق ئەينى ۋاقىتتىكى ھادىسىلەرگە ھەمدە بۇنىڭغا ئۇلىشىپ ئوتتۇرىغا چىققان ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرگە يەنە بىر قېتىم نەزەر تاشلىدى.

«‹ياشاۋاتقان مۇردىلار› غا سەبىرلەر: ‹5-ئىيۇل› دىن ئون يىل ئۆتكەندە» ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2009-يىلى 5-ئىيۇلدىكى ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا زور ئۆزگىرىش ياسىغان بىر كۈن بولغان. ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاي كومپارتىيىسى ئىشغال قىلىۋالغان 1949-يىلىدىن بۇيانقى ھېچقانداق ۋەقە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى بۇ قەدەر ئۆزگەرتىۋېتىشكە قادىر بولالىغان ئەمەس. ئاپتورنىڭ بۇ قاراشلىرىنى ئۇ زىيارەت قىلغان ئۈچ شاھىتنىڭ بايانلىرىمۇ ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن تەستىقلايدۇ. ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى ۋەقەلەرنى بىۋاسىتە باشتىن كەچۈرگەن مەخمۇد، چېن يې، گۈلنار قاتارلىق ئۈچ كىشىنىڭ مەكتەپ، كوچا ۋە ئولتۇراق رايونلىرىدىكى بىۋاسىتە كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلىغان ۋە سېلىشتۇرغان. ئۇيغۇر، خىتاي ۋە قازاق مىللىتىگە مەنسۇپ بۇ كىشىلەرنىڭ بايانلىرى ئارقىلىق ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ئۈرۈمچىدە زادى نېمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى شۇ ۋەقەدىن كېيىنكى ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەرنى دىققەت نۇقتىسىغا قويغان.

ئاپتورنىڭ بۇ جەھەتتىكى مۇلاھىزىسى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇزۇن مەزگىل ھايات كەچۈرگەن خىتاي شائىرى شېن ۋېينىڭ قەلىمىگە مەنسۇپ «ئۈرۈمچى: تاشلاندۇق كارىۋات» ناملىق شېئىردىكى مەنزىرە بىلەنمۇ سېلىشتۇرۇلىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ھازىر لاگېرلارنىڭ بىرىگە قامالغان، دەپ تەخمىن قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن پەرھات تۇرسۇننىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈش ئارقىلىق بايان قىلىدۇ: خىتاي شائىر شېن ۋېي ئۈرۈمچىدىكى جەنۇبىي قوۋۇقنى يېرۇسالېم شەھىرىدىكى ۋېيلىڭ تېمىغا ئوخشاتقان. چۈنكى ئۇنىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق بەجايىكى پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى پەرققە ئوخشاش زور. 

شاھىتلارنىڭ بايانلىرىغا قارىغاندا «5-ئىيۇل ۋەقەسى» باشلانغاندا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى كۆتۈرگىنىچە نامايىشنى باشلىغان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئادالەت تەلەپ قىلغان. 7-ئىيۇل كۈنى خىتاي قوراللىق ساقچى كۈچلىرىنىڭ ھىمايىسىدىكى خىتاي ئاممىسى ئۇيغۇرلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كوچىغا چىققاندا ئۇلارمۇ خىتاينىڭ قىزىل بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان. ئەمما قىزىل بايراق كۆتۈرگەن ئۇيغۇرلار قانلىق باستۇرۇلغان بىلەن، قىزىل بايراق كۆتۈرگەن خىتايلار ئۇنداق بولمىغان. ئاپتور بۇ ھادىسىنى مۇستەملىكىلەشتۈرۈش نەزەرىيىسى ئارقىلىق يېشىپ بەرگەن ھەمدە بۇنى «بىر قېتىملىق تاسادىپىي ۋەقە ئەمەس، بەلكى مۇستەملىكىلەشتۈرۈش جەريانىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى» دەپ كۆرسەتكەن. يەنى مۇستەملىكە قىلغۇچىلار ۋە قىلىنغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇق ئىستراتېگىيىسى ھەققىدە تەڭلا ئويلىنىشقا باشلىغان.

شاھىتلار بىردەك ھەربىي قوراللار ئىشلىتىلگەن، دەپ قارايدىغان نامايىشنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە ئۆلگەن ئادەم سانى ھەققىدە خىتاي شاھىت چېن يې «مېنىڭچە ئۆلگەن ئادەمنىڭ سانى يەتتە مىڭغا بارسا كېرەك. باشقىلار (يەنى خىتاي پۇقرالىرى) مۇ ئاز دېگەندە ئۈچ-تۆت مىڭ كىشى ئۆلدى، دەپ قارايدۇ. ئەمما ھۆكۈمەت بۇ ساننى ئازايتىپ 197 ئادەم ئۆلدى، دەۋاتىدۇ» دېگەن. ئەنە شۇ ۋەقەدىن كېيىن بۇ شاھىتلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇ ماكاندا داۋاملىق ياشاشقا تاقىتى يەتمەي ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان. خۇددى ئاشۇ شاھىتلار ئالدىن ھېس قىلغاندەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت بارغانسېرى يۇقىرى پەللىگە چىقىپ نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى تىكىلگۈدەك ھالغا يەتكەن. ئۇ خۇلاسە سۈپىتىدە خىتاي شائىر شېن ۋېينىڭ قەلىمىدىكى «مۇردىلار» غا ئايلانماي ھايات ياشاۋاتقان «مۇردىلار» غا سەبىر ياكى تەسەللى بەرگۈدەك نېمە بارلىقى ھەققىدىكى سوئالغا قارىتا «بۇنىڭغا ھازىرچە جاۋاب يوق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.