يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جون مولېنار خىتاي كومپارتىيەسىدىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەرنىڭ داۋاملىق كۈچىيىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكا بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتتە ئامېرىكىنىڭ قەتئىي بوشىشىپ قالماسلىقى لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتىنىڭ يېڭى رەئىسى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى جون مولېنار (John Moolenaar) 2024-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈنى «فوكېس خەۋەرلىرى» (FOX News) دە ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكىنىڭ سەل قاراشقا بولمايدىغان بەش تۈرلۈك خىتاي تەھدىتى» ناملىق مۇلاھىزە ماقالىسىدە مۇشۇ ساھەدىكى مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق شەرھلىدى.
ئۇ ماقالىسىدە خىتاينىڭ بازارنى كونترول قىلىپ ئامېرىكا سانائىتىگە زىيان سېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ «بىز دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ-خەتەر ئاشۇ قەدەر كۈچىيىۋاتقاندا دېموكراتچىلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ بۇ شۇملۇققا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشى بەكمۇ مۇھىم» دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ ماقالىسىدە ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان بەش تۈرلۈك خىتاي تەھدىتىنى ساناپ ئۆتىدۇ. بۇلار ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداش بولۇۋاتقانلارنى، جۈملىدىن تەيۋەننى خىتاينىڭ ھەربىي ئىشغالىيىتىدىن قوغداپ قېلىش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىگە فېنتانىلنى تۆكمە قىلىۋېتىشىگە چەك قويۇش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدىكى لىتى باتارېيەسى قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە ھۆكۈمران بولۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئامېرىكا تەۋەسىدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىش شۇملۇقىنى توسۇش، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ جىددىي مەسىلىلەر ھېسابلىنىدۇ.