سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت گۇرۇھى خىتاينىڭ ئستراتېگىيەلىك ماددىلارغا بولغان كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتىگىيەلىك ماددىلارغا قارىتا ئۆزلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى قۇرۇپ چىقىشنى ۋە بۇ تەلەپنى 7 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بۇ يىل 5-ئايدىكى ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىدا قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. «نىكېي ئاسىيا» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينى كۆزدە تۇتقاندا، بۇ تۈر ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ئۈچۈن كۈنسېرى مۇھىم بولۇۋاتقان مىكرو ئۆزەك، ئاز ئۇچرايدىغان ماددىلار ۋە باشقا تاۋارلارنى مۇقىم تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ تەيۋەن كرىزىسى ياكى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىقتىسادى بىخەتەرلىكتىكى خەۋپلەرگە تاقابىل تۇرۇشتا مۇھىم ئىكەن.
7 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلىرىنىڭ يىغىنى ياپونىيەنىڭ خېروشىما شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. «نىكېي ئاسىيا» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە باش مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىدىغان خىروشىما باشلىقلار يىغىنىدا ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىكەن. بۇ تۇنجى قېتىم ئىقتىسادىي بىخەتەرلىكنىڭ سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت باشلىقلار يىغىنىدا مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدۇر. «نىكېي ئاسىيا» نىڭ ئېيتىشىچە، تەيۋەن كرىزىس سەۋەبىدىن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش مۇمكىنچىلىكى بولغاچقا، 7 دۆلەت گۇرۇھى ئۆزەكلەرگە يەنىلا ئېرىشكىلى بولىدىغان بىر تور بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن.
نۆۋەتتە ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا كۋانتۇم كومپيۇتېرى ۋە باشقا قوللىنىشچان يۇمتاللارنى ئىشلىتىش ئۈچۈن كېيىنكى ئەۋلاد يېرىم ئۆتكۈزگۈچنىڭ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلىشى توغرىسىدا تەتقىقات باشلاشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۇلار ياۋروپانىڭمۇ بۇنىڭغا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.
خىتاي كېيىنكى ئەۋلاد ئاپتوموبىل ۋە باشقا ئۆتكۈر تېخنىكىلارغا ئىشلىتىلىدىغان قىممەت باھالىق ئېلېمېنتلارنىڭ زاپىسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، بۇ بايلىقلارنىڭ خېلى زور بىر قىسمى ئۇيغۇر رايونىغا مەركەزلەشكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ بۇ بايلىقلارنى ئېچىشتا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنى كەڭ كۆكلەملىك ئىشلىتىشىمۇ 7 دۆلەت گۇرۇھىدىكى دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىپ كەلگەنىدى.