«يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى» يىغىنىدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولدى

«يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى گۇرۇھى» نىڭ سودا مىنىستىرلىرى 22-ئۆكتەبىر كۈنى لوندوندا بىرلەشمە يىغىن چاقىرىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەرنىڭ بىر مۇھىم نۇقتىسى دۇنيا مىقياسىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە مەركەزلىشىشى لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.

«سىياسەت» ژۇرنىلىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يىغىندىن كېيىنكى بىرلەشمە باياناتتا: «يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى گۇرۇھىنىڭ سودا مىنىستىرلىرى ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى ھەمدە ئۇنىڭغا چېتىشلىق تەمىنلەش زەنجىرىنى مەنئىي قىلىدۇ. جۈملىدىن دۆلەت ھاكىمىيىتى ئارقا تىرەك بولغان ھالدا ئاجىز مىللەتلەرنى يېزا-ئىگىلىك، قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە كىيىم-كېچەك ساھەسىدە زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىگە سېلىشى قەتئىي ئەيىبلىنىدۇ،» دېيىلگەن. گەرچە بۇ باياناتتا ئۇيغۇرلارنىڭ نامى بىۋاستە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدىكى مەزمۇن ئاساسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ھادىسىسى بىلەن تولۇق ئوخشاشلىققا ئىگە ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە دۇنيا مىقياسىدا ئاز دېگەندىمۇ 21 مىليون كىشى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ۋە زامانىۋى قۇللۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ زور بىر قىسىمىنىڭ خىتايدا ئىكەنلىكى ئ‍الاھىدە تەكىتلەنگەن. شۇنداقلا ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى مەنئىي قىلىش ھەققىدە ئېنىق قارار ئېلىپ بولغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ بۇ ھەقتە ئېنىق تەدبىر ئېلىشى لازىملىقى تىلغا ئېلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، «يەتتە دۆلەت باشلىقلىرى گۇرۇھى» دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك، دەپ قارىلىۋاتقان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە قاتارلىق يەتتە دۆلەتنىڭ خەلقئارالىق سىياسىي ئىتتىپاقى بولۇپ، بۇ دۆلەتلەر دۇنيادىكى بايلىقنىڭ 60 پىرسەنتىنى كونترول قىلىپ تۇرماقتا ئىكەن.