ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن يىلدىن بۇيان يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە زەربە بېرىش دولقۇنىدا تىغ ئۇچى يەنىلا ئۇيغۇر تىل-يېزىقىدىكى كىتابلارغا قارىتىلغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
رادىيومىزنىڭ ئۆتكەن يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان بارلىق ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ بىردەك تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى، ھەتتا بۇنىڭ ئىچىدە سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ كىتابلىرىنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى.
يېقىندا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئاخىرقى 30 يىل مابەينىدە نەشر قىلغان 7812 خىل كىتابنىڭ تەكشۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى بىر ھۆججەتنىڭ پارچىسى مەلۇم بولدى. مەزكۇر ھۆججەتكە قارىغاندا، تەكشۈرۈلگەن 7812 خىل كىتاب ئىچىدە ئۇيغۇرچە كىتابلار 6362 خىل، قازاقچە كىتابلار 1412 خىل، موڭغۇلچە كىتابلار 41 خىل، قىرغىزچە كىتابلار 27 خىل، شىۋەچە كىتابلار 30 خىلغا يېتىدىكەن. تەكشۈرۈلگەن كىتابلار ئىچىدە «مەسىلە بايقالغان» كىتابلار جەمئىي 388 خىل بولۇپ، ئۇنىڭ 384 خىلى ئۇيغۇرچە، 4 خىلى قازاقچە كىتابلار ئىكەن.
مەزكۇر ھۆججەتتە يەنە «مەسىلە بايقالغان» دەپ، قارا تىزىملىككە ئېلىنغان ئۇيغۇرچە كىتابلاردىن «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن»، «ئىلى دولقۇنلىرى»، «باتۇر تەڭرىقۇت»، «ئەنجانباي»، «ئورخۇن شەجەرىسى»، «جاللات خېنىم»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «لېيىغان بۇلاق»، «قەشقەر خوجىلىرى»، «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قوللانمىسى»، «ئاھ، ئاتىلار» قاتارلىق كىتابلار بولۇپ، ھۆججەتتە بۇ كىتابلارنى «ساقلانغان مەسىلە ئىنتايىن ئېغىر، تەسىرى ئىنتايىن يامان بولغان» دېيىلگەن.
رادىيومىز شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا تېلېفون قىلىپ، مەزكۇر ھۆججەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بۇ ھەقتە ئېغىز ئېچىشنى رەت قىلدى. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، كىتاب تەكشۈرۈش ئىشى ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقا نەشرىياتلاردىمۇ ئېلىپ بېرىلماقتىكەن.
