«سەككىز چوڭ سانائەت توپى» بويىچە ئۇيغۇر ئېلىگە يەنىمۇ كۆپ خىتاي شىركەتلىرى ئورۇنلاشماقتا

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە ماكانلاشقانلىقى مەلۇم بولماقتا. خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورى ۋە خەلق تورى قاتارلىق تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلغان «سەككىز چوڭ سانائەت توپى» نىڭ جەلپ قىلىشى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى يەنىمۇ كۆپ شىركەتلەر ئۇيغۇر ئېلىگە ئورۇنلاشقان.

«سەككىز چوڭ سانائەت توپى»-خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايونىدا ئوتتۇرىغا قويغان بىر گەۋدىلەشكەن نېفىت-گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسىپلىرى؛ كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپلىرى؛ يېشىل كانچىلىق كەسىپلىرى؛ ئاشلىق-ياغ كەسىپلىرى، پاختا توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك كەسىپلىرى، ئورگانىك مېۋە-كۆكتات كەسىپلىرى، ئەلا سۈپەتلىك چارۋا مەھسۇلاتلىرى كەسىپلىرى ۋە يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسىپلىرىدىن ئىبارەت «8 چوڭ كەسىپ گەۋدىسى» نى ئاساس قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى ئىدى.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، «ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دۇنيادىكى مۇھىم ئېنېرگىيە ۋە مىنېرال بايلىقىغا ئىگە رايون بولۇشى ۋە ‹سەككىز چوڭ سانائەت توپى› قۇرۇلۇشىنىڭ داۋاملىق تېزلىشىشى بىلەن تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەر ئۇيغۇر ئېلىگە دىققەت قىلىشقا باشلىماقتىكەن.»

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تۈرلەرنى تېزدىن بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتاي شىركەت ۋە كارخانىلىرىنى تۈرلۈك ئىمتىيازلار بىلەن ئۇيغۇر يۆتكەشنى كۈچەيتكەنىدى. ئەمما يۇقىرىدىكى تۈرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن باغلانغان بولۇشى كىشىلىك ھوقۇق مۇتەخەسسىسلىرى دىققەت قىلىۋاتقان بىر مەسىلە بولۇپ قالغان.

خىتاي خەۋەرلەر تورىدا ئېلان قىلىنغان يەنە بىر خەۋەردىن قارىغاندا، يېقىندا يەنە خىتايدىكى 400 دىن ئارتۇق ئايال ئىگىلىك تىكلىگۈچى «گۇرۇپپا تەشكىللەپ» ئۇيغۇر ئېلىگە سودا پۇرسىتى ئىزدەش ئۈچۈن بارغان ۋە بۇ جەرياندا 11 مۇھىم تۈر ئىمزالانغان. ئۇلار، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي، ماشىنا، بىيولوگىيەلىك سىناق، غول ھۈجەيرە تەتقىقاتى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، توختام سوممىسى 2 مىليارد 70 مىليون يۈەن ئىكەن.

خەۋەردە «شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە، ساياھەت، يېڭى ماتېرىيال ۋە باشقىلاردا روشەن بايلىق ئەۋزەللىكى بار، ھازىرقى تەرەققىيات پۇرسىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن» دەپ بايان قىلىنغان.