تاجسىمان ۋىرۇسى ھەققىدە بەزى يېڭى بايقاشلار ئوتتۇرىغا چىقتى

يېقىنقى تەتقىقاتلار خىتايدىن تارقىلىپ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ۋاباغا ئايلىنىپ كەتكەن تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ باشلانغان ۋاقتى ھەققىدە بەزى يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋاتقانلىقى مەلۇم. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بايقىغان ئەھۋاللار ئەنە شۇنىڭ بىرىدۇر.

BBC ئاگېنتلىقىنىڭ 9-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھازىرغىچە تاجسىمان ۋىرۇسى ۋۇخەن شەھىرىدە ئەڭ دەسلەپ 2019-يىلى نويابىردا بايقالغان دەپ قارىلىۋاتقان ئىكەن. ئەمما خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق 2019-يىلى ئاۋغۇستتىن نويابىرغىچە بولغان مەزگىلدە ۋۇخەن شەھىرىدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا توختىغان ماشىنىلار سانىغا قاراپ چىققان. نەتىجىدە بۇ مەزگىلدىكى ماشىنىلارنىڭ سانى ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى ماشىنا سانىدىن 70 پىرسەنتچە كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان. تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى دوكتور جون بۇ ھەقتە توختىلىپ: «روشەنكى، بۇ ئاشۇ مەزگىلدە قانداقتۇر بىر جىددىي كېسەلنىڭ ئۇشتۇمتۇتلا نۇرغۇن ئادەمنى دوختۇرخانىغا كېلىشكە مەجبۇر قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇس ھەققىدىكى ئەھۋالنى 2019-يىلى 31-دېكابىر كۈنى رەسمىي ئېلان قىلغان بولۇپ، 2020-يىلى 23-يانۋاردا ۋۇخەن شەھىرىنى قامال قىلىشنى باشلىغان. ئالىملار مۇشۇ ئەھۋالغا ئاساسەن ۋىرۇس بەلكىم ئاۋغۇست ئايلىرىدىلا تارقىلىشقا باشلىغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قاراشقا مايىل بولۇشماقتىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلىپ «بۇ تولىمۇ بىمەنە بىر تەتقىقات بولغان. قاتناش قىستاڭچىلىقى بىلەن بۇ ۋىرۇسنىڭ ھېچقانداق باغلىنىشى يوق» دېگەن. ئەمما خىتايدىكى ئەھۋاللار بىلەن تونۇشلۇقى بولغان بىر قىسىم ئانالىزچىلار «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقاچان ھەقىقەتنى ۋە رېئاللىقنى ئىنكار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ماشىنىلار سانى ھەققىدىكى تەتقىقاتنى ئىنكار قىلىشى بەكمۇ گۇمانلىق» دېيىشمەكتىكەن.