د ئۇ ق ئابدۇلئەھەد داموللامنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

بىرقانچە كۈندىن بېرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خوتەن قاراقاشلىق مەشھۇر دىنىي زات ئابدۇلئەھەد داموللامنىڭ خىتاينىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى.

بۇ ھەقتە ئېنىقلاش ئېلىپ بارغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالدۇلئەھەد داموللامنىڭ چەتئەلدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىش نەتىجىسىدە داموللومنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىڭ توغرىلىقىنى جەزملەشتۈرگەن. بۈگۈن بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان د ئۇ ق دۇنيا جامائىتىنى ئۇيغۇر دىيارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ھېس قىلىشقا ۋە ئۇلارنى تاقاش ئۈچۈن تېگىشلىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىق قىلدى.

ئىنگلىزچە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر باياناتتا ئابدۇلئەھەد داموللامنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرىدا ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىككىنچى بىر دىنىي ئالىم ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. ئالدىنقى ئايلاردا «قۇرئان كەرىم» نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان مۇھەممەت سالىھ داموللامنىڭ لاگېردا ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

د ئۇ ق نىڭ باياناتى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قەيت قىلىنىشىچە، 1930‏-يىلى قاراقاشتا تۇغۇلغان ئابدۇئەھەد داموللام شەرقى تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ جىيەنى بولۇپ، ئۇ 1958-، 1979-، 2001-، 2004-، ۋە 2017‏-يىلى بولۇپ، ھاياتى بويى جەمئىي 5 قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان. دەسلەپكى قېتىمىدا 15 يىللىق، كېيىنكى قېتىملىرىدا 2 ئايدىن 5 يىلغا قەدەر قاماق ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ئابدۇلئەھەد داموللام ئاخىرقى قېتىم، يەنى ئۆتكەن يىلى نويابىردا لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن ۋە يېقىندا لاگېردا جان ئۈزگەن.

باياناتتا نەقىل ئېلىنىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئابدۇلئەھەد داموللامنىڭ ھاياتى بويى زۇلۇمغا باش ئەگمىگەنلىكى، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا ئىسلامنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئۆگىتىشتە چىڭ تۇرغانلىقى، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىنىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنى چوڭقۇر قايغۇغا چۆمدۈرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.