خىتاي تاراتقۇلىرى تۈنۈگۈن، يەنى 14-ماي كۈنى خوتەن ناۋاغ جامەسىنىڭ خاتىپى ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم داموللىنىڭ بىر پارچە «ئوچۇق خېتى» نى ئېلان قىلغان ۋە ئۇنى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ئۇلاپ تارقاتقان.
خىتاي مەملىكەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەزىپىلەرنى ئۆتەۋاتقان ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم داموللىنىڭ بىر مەزگىللىك سۈكۈتتىن كېيىن تۇيۇقسىزلا «ئوچۇق خەت» ئېلان قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.
ئالدىنقى ئايدا چەتئەللەردىكى بىر قىسىم تور بەتلەر بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم داموللىنىڭ خىتايدا ئېچىلغان «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، 3 يىل كېسىۋېتىلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى.
رادىيومىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى جەريانىدا خوتەندىكى بىر قىسىم ساقچىخانىلار بىلەن قانۇن ئورۇنلىرى ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم داموللىنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىك خەۋىرىنى ئىنكار قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان ئىدى.
خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق ناۋاغ ساقچىخانىسىنىڭ بىر نەپەر نۆۋەتچى ساقچىسى بۇ دېلونىڭ تەپتىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم داموللىنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان «ئوچۇق خېتى» دە مۇنداق دېيىلگەن: «يېشىم چوڭىيىپ قالدى، بىلىم سەۋىيەممۇ يۇقىرى ئەمەس، ئەمما مەن پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولغانلىقىنى بىلىمەن… ‹ئۈچ خىل كۈچ› لەر مىللەت، دىن تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ئىسلام دىنىنىڭ ئەھكاملىرىنى بۇرمىلاپ، مۇسۇلمانلارنى ئالداپ، ھەر خىل ئاماللار بىلەن بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، بىزنى كونا جەمئىيەتكە قايتۇرماقچى بولدى. بۇ ئۇلارنىڭ ئۇخلىماي چۈش كۆرۈشى، بىز بۇنىڭغا ھەرگىز يول قويمايمىز.»
خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ تۈنۈگۈندىن باشلاپ ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم داموللىنىڭ نامىدىكى «ئوچۇق خەت» نى تۇيۇقسىز ئوتتۇرىغا چىقىرىشى كۆزەتكۈچىلەر بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ھەر ساھە كىشىلىرىدە تۈرلۈك تەخمىنلەرنى پەيدا قىلماقتا.