ھاياتىنىڭ 50 يىلنى يەر تەۋرەش تەتقىقاتىغا بېغىشلىغان ئالىم

يېقىندا، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىكى يەر تەۋرەش تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ھىدروگېئودىنامىكا لابوراتورىيىسى باشلىغى، ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىن تۇنجى قېتىم يېتىشىپ چىققان يەر تەۋرەش تەتقىقاتى ساھەسىدىكى پەن دوكتورى، قازاقىستاننىڭ يەر تەۋرەش تەتقىقاتىدىكى يېتەكچى ئالىملارنىڭ بىر دەپ باھالانغان ئابدۇلەزىز ئابدۇللائېۋ ئەپەندىنىڭ 80 ياشلىق تەۋەللۇدى خاتىرىلەنگەن.

گەرچە، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن 20 - 21 - ئەسىردە ئىلىم - پەننىڭ ھەر قايسى ساھەلىرى بويىچە كۆپلىگەن پەن دوكتورلىرى يېتىشىپ چىقىپ، ئۇلار ئاساسلىقى سابىق سوۋەت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرى، ئۇيغۇر دىيارى، تۈركىيە، خىتاي ۋە غەرب ئەللىرىگە تارقالغان بولسىمۇ، ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا تېخى يەر تەۋرەش تەتقىقاتى ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئېلىپ پروفېسسورلۇق دەرىجىسىگە ئېرىشكەنلەر يوق دېيەرلىك ئىكەن. قازاقىستاندا چىقىدىغان ئۇيغۇر ئاۋازى گېزىتىنىڭ يېزىشىچە، ئابدۇلەزىز ئابدۇللايېۋ ئەپەندى 1936 - يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان ۋە 1953 - 1958 - يۇللىرى موسكۋادىكى كالىنىن نامىدىكى رەڭلىك مېتال ۋە ئالتۇن ئىنىستىتۇتىنىڭ گېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ پۈتتۈرگەن.

ئابدۇلەزىز ئابدۇللايېۋ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتماي سوۋېت ئىتتىپاقىدا قېلىپ ئۇزۇن يىللار قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاننىڭ يەر تەۋرەش تەتقىقاتى ساھەسىدە ئىشلىگەن.

1987 - يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئو.يۇ شمىدت نامىدىكى يەر فىزىكىسى باش ئىنستىتۇتىنىڭ دوكتورانتۇرىسىغا ئوقۇشقا ئەۋەتىلگەن ھەم كېيىنرەك مەزكۇر ساھەدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالىدۇ.

ئابدۇلەزىز ئابدۇللايېۋ قازاقىستاننىڭ سېيسمولوگىيە , يەنى , يەر تەۋرەش ساھەسىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى، خىتاي ۋە باشقا ئەللەر بىلەن ئىلمى ئالاقىلەردە بولغان ھەم ئۇنىڭ تەتقىقات ئەسەرلىرى ۋە تۆھپىلىرى ئۈچۈن قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەدىقرنامىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىلھام مۇكاپاتى»غا سازاۋەر بولغان ئىدى.