بۇ يىل 31-ئۆكتەبىر كۈنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن ئاتاقلىق رەھبىرى، 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ئىدىيەسىنىڭ دەسلەپكى تەرغىباتچىلىرىدىن بىرى ئابدۇللا ئەخمەت ئوغلى روزىباقى، يەنى ئابدۇللا روزىباقىيېف تەۋەللۇدىنىڭ 120 يىللىقى بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەتبۇئاتلىرىدا ئەسلىمە ماقالىلەر ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.
قازاقىستاننىڭ جۇمھۇرىيەتلىك گېزىتلىرىدىن بىرى «ئۇيغۇر ئاۋازى»دا ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ قىزى نىنېلەم روزىباقىيېۋانىڭ 2015-يىلى نەشر قىلىنغان دادىسى ھەققىدىكى «ئەسلىمىلەر» ماۋزۇلۇق كىتابىدىن پارچىلار بېرىلىشكە باشلىغان.
مەزكۇر ئەسلىمىدىكى بىر يېڭىلىق شۇكى ئابدۇللا ئەخمەت ئوغلى روزىباقى 1937-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 1938-يىلى، موسكۋانىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئېتىپ تاشلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قىزى نىنېلەم قاتارلىقلار ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ تەقدىرىنى تاكى 1991-يىلىغىچە ئېنىق بىلەلمىگەن. نىنېلەم روزىباقىيېۋا موسكۋادىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىن قايتا-قايتا سۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق پەقەت 1991-يىلى، دادىسى ئابدۇللا روزىباقىيېفنىڭ 1938-يىلى، 3-مارت كۈنى ئېتىلغانلىقى ھەققىدىكى رەسمىي مەلۇماتنى بىلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئابدۇللا روزىباقىيېفنى 1957-يىلى ئاقلاپ، 1962-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدىكى بىر كوچىغا ئۇنىڭ نامىنى بەرگەن ۋە ئۇنىڭ ھەققىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان ۋە ھەيكەل ئورناتقان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئېتىپ تاشلانغان نەق ۋاقتىنى ئېلان قىلمىغان ئىكەن.
تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئابدۇللا ئەخمەت ئوغلى روزىباقىيېف 1897-يىلى، ئالمۇتا يېنىدىكى بىر يېزىدا تۇغۇلغان ۋە رۇس مەكتەپلىرىدە ئوقۇغان. ئۆكتەبىر ئىنقىلابىدىن كېيىن بولشېۋىكلەر سېپىغا قوشۇلغان. ئۇ، 1921-يىلى، تاشكەنتتە تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇلتىيىنى چاقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، «ئىنقىلابى ئۇيغۇر ئىتتىپاقى»نىڭ رەئىسى بولغان ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدە مىللىي ھاكىمىيەت قۇرۇش غايىسىدە بولغان شۇنىڭدەك «كەمبەغەللەر ئاۋازى» گېزىتىنى چىقارغان.
ئۇ ئىلگىرى-كېيىن، موسكۋا ۋە قازاقىستاندا يۇقىرى رەھبەرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئاتقۇرغان، 1936-1937-يىلى قازاقىستاننىڭ تەمىنات مىنىستىرى بولغان. ئۇ، 1937-1938-يىلى، پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئېلىپ بېرىلغان «خەلق دۈشمەنلىرى»نى تازىلاش ھەرىكىتىدە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئۇنىڭغا «مىللەتچىلىك» «پانتۈركىزمنى قوللاش» قاتارلىق بىر يۈرۈش جىنايەتلەر ئارتىلىپ، باشقا بىر قىسىم ئاتاقلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بىلەن بىر قاتاردا ئېتىپ تاشلانغان.