يېقىندا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىگە جايلاشقان قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى دۆلەت ئاكادېمىيەلىك ئۇيغۇر مۇزىكا-كومېدىيە تىياتىرىدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىياتىر ۋە ناخشا-مۇزىكا سەنئىتىنىڭ يىرىك نامايەندىلىرىدىن بىرى، «ئۆزبېكىستان خەلق ئارتىسى» ئابدۇرېھىم ئەخمىدى تەۋەللۇتىنىڭ 90 يىللىقىغا بېغىشلانغان مەخسۇس ناخشا-مۇزىكىلىق خاتىرىلەش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتكەن. ئارقىدىن قازاقىستاندىكى جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر گېزىتى «ئۇيغۇر ئاۋازى» مۇ مەخسۇس ئابدۇرېھىم ئەخمىدىنىڭ ئىجادىي ھاياتىغا ئائىت بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلدى.
ئابدۇرېھىم ئەخمىدىگە بېغىشلانغان كەچلىك پائالىيەتكە بىر قىسىم تونۇلغان ئۇيغۇر ناخشىچى-مۇزىكانتلىرى قاتنىشىپ، مەخسۇس ئابدۇرېھىم ئەخمىدى ناخشىلىرى ۋە باشقا ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ئورۇنداش بىلەن بىرگە مەزكۇر ئاتاقلىق ناخشىچىنىڭ ھايات مۇساپىسى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.
«ئۇيغۇر ئاۋازى» دىكى گۈلباھار ناسىروۋا ئىسىملىك ئاپتور ئىمزاسىدىكى «قەشقەردىن ئاڭلانغان ئاھاڭ» ماۋزۇلۇق ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، قەشقەردە تۇغۇلغان ئابدۇرېھىم ئەخمىدىنىڭ دەسلەپكى سەنئەت ھاياتى 1948-1950-يىلى غۇلجا قاتارلىق جايلاردا ئۆتكەن ۋە مىللىي ئىنقىلاب رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئالاھىدە ئېتىبار بېرىشىگە ئېرىشكەن.
ئابدۇرېھىم ئەخمىدى 1950-1961-يىلى ئارىسىدا ئۈرۈمچىدىكى ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلىدا ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ بۇ جەريانىدا خەلقئارالىق ياشلار فېستىۋالىغا قاتناشقان ھەم ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا كەڭ تونۇلغان، سۆيۈملۈك ناخشىچىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ مۇڭلۇق ۋە ئۆزگىچە يېقىملىق ئاۋازدا ئورۇندىغان «تەنلىرىم ياپراق»، «زۆھرە جانىم»، «يارو» ۋە باشقا بىر قاتار ناخشىلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان ئىدى.
ئابدۇرېھىم ئەخمىدى ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي ھۆكۈمىتى باشلىغان تۈرلۈك سىياسىي ھەرىكەتلەردە ئىزتىراپ چەككەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت، سەنئەت ئەربابلىرى، ئەدىبلىرى، سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئوفىتسېرلىرى، يەنى، زىيا سەمەدى، زۇنۇن تېيىپوف، يۈسۈپبېك مۇخلىسى، ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ۋە باشقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان كىشىلەر قاتارىدا 1961-يىلى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىپ، ھاياتىنى ئۆزبېكىستان ۋە قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈپ، «ئۆزبېكىستان خەلق ئارتىسى» دېگەن ئالىي نامغا سازاۋەر بولغان. ئۇ، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى رەتلەش، لېنتىغا ئېلىشقا ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۆز ھەسسىسىنى قوشقان. ئابدۇرېھىم ئەخمىدى 1999-يىلى ۋاپات بولغان ئىدى.