ئامېرىكىدىكى ۋۇدروۋ ۋىلسون مەركىزى ئېلان قىلغان 1957-1958-يىللىرى خىتاي تەرىپىدىن ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىلغان «يەرلىك مىللەتچىلىك» كە زەربە بېرىش ھەرىكىتىگە ئائىت سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئارخىپ ھۆججەتلىرى قاتارىدا ئەينى ۋاقىتتا «ئەشەددى يەرلىك مىللەتچى» دەپ ئەيىبلەنگەن 20-ئەسىردىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەر زىيالىيلىرىدىن بىرى ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمى مەسىلىسىگە ئائىت ئۇچۇرلارمۇ ئورۇن ئالغان.
مەزكۇر ھۆججەتلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، سوۋېت تەرەپ ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى دوباشىن تۇنجى قېتىم 1958-يىلى، 20-يانۋار كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن مىنىستىرى، يىراق شەرق بۆلۈمى باشلىقى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى قاتارلىق شەخسلەرگە يوللىغان ئۈرۈمچىدە ئېچىلىۋاتقان «يەرلىك مىللەتچىلىك» كە زەربە بېرىشقا ئائىت ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «پارتكومنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنى» توغرىسىدىكى دوكلاتىدا زىيا سەمەدى، ئىبراھىم تۇردى، ئابدۇرېھىم ئەيسا، ئابدۇرېھىم سەئىدى ۋە باشقا يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ «مىللەتچىلىك ئىدىيەسىدىكى كىشىلەر» دەپ تەنقىد قىلىنغانلىقىنى، ئەنە شۇلارنىڭ قاتارىدا قاتتىق ئەيىبلەنگەن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى مۇئاۋىن باشلىقى ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ 17-يانۋار كۈنى «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقى» نى مەلۇم قىلغان. ئۇ شۇ كۈنى ۋاڭ ئېنماۋ ۋە سەيپىدىن ئەزىز بىلەن كەچتە ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىدە بۇ مەسىلە ھەققىدە يەنە توختالغان.
ئابدۇرېھىم ئەيسانىڭ ئۆلۈمى خىتاي تەرەپتىن سوۋېت تەرەپكە «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى» دەپ مەلۇم قىلىنغان بولۇپ، باش كونسۇل دوباشىن بۇ مەسىلىنى ئىككى قېتىم، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى كونسۇلى زىمىيانىن بىر قېتىم موسكۋادىكى يۇقىرى رەھبەرلىككە يوللىغان. ئۇنىڭدىن باشقا غۇلجىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقى دىپلوماتى بلوكىنمۇ خىتاي تەرەپ ئەمەلدارى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىدە بۇ مەسىلىنى ئالاھىدە ۋە تەپسىلىي تىلغا ئالغان.
ئۇلار خىتاينىڭ تەرەپنىڭ ئابدۇرېھىم ئەيسانى «مۇستەقىل ئۇيغۇرىستان قۇرۇش» نى تەشەببۇس قىلغانلىقى ۋە تۈركىيەدىكى ئەيسا ئەپەندى ۋە مەككىدىكى بەزى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەنلىكى قاتارلىق بىر قاتار ئاتالمىش «قىلمىشلار بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى» نى كۆرسەتكەن.
ئابدۇرېھىم ئەيسا 1909-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، كونا مائارىپچى ئىدى. ئۇ، 1944-1949- يىللىرى خىتايغا قارشى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان ۋە 1948-يىلى ئەخمەتجان قاسىمى رەھبەرلىكىدىكى «ئىتتىپاق» تەشكىلاتى مەركىزى كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، خوجىلىق بۆلۈم باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى، 1950-يىللاردا بىر قاتار يۇقىرى رەھبەرلىك خىزمەتلىرىنى، 1954-يىلىدىن كېيىن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان.