قەشقەردە ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقى خاتىرىلەنگەن

ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەردىكى زىيالىيلار، كارخانىچىلار ۋە جامائەت بىرلىكتە مەرھۇم ئەدىب ۋە شائىر ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن.

خاتىرىلەش پائالىيىتى 17-ئۆكتەبىر كۈنى قەشقەردىكى «قەسىر» يېمەك-ئىچمەك سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن.

خەلق تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بۇ پائالىيەتنى قەشقەردىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلار ماددىي جەھەتتىن قوللىغان. پائالىيەت داۋامىدا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرى دېكلېماتسىيە قىلىنغان. قەشقەردىكى پېشقەدەملەر ئۆتكۈر ئەپەندى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىنى يىغىن ئەھلىگە بايان قىلغان. ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ھاياتى، ئەدەبىي ئىجادىيىتى ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە ماقالىلەر ئوقۇغان.

مەزكۇر پائالىيەتتە يەنە 1990-يىللاردا ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ «ئىز» ناملىق رومانىغا ئاساسەن قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكى ئىشلىگەن «قانلىق ئىز» ناملىق دراما ئەسلەپ ئۆتۈلگەن. مەزكۇر درامىدا تۆمۈر خەلپىنىڭ رولىنى ئالغان ئارتىستلار ئەينى چاغدىكى ئورۇنلاش ماھارىتى ھەققىدە چۈشەنچە بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەردىكى بۇ پائالىيەت مەرھۇم ئۆتكۈر ئەپەندى ۋاپاتىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش بويىچە ئۇيغۇر ئېلىدا بىر ئاي ئىچىدە خەلق تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 3-قېتىملىق پائالىيەت ئىكەن.