23 ياشلىق ئابدۇرېقىپ راخماننىڭ كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەنلىكى ئاشكارىلاندى

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» 12-دېكابىر كۈنىدىكى مەخسۇس خەۋىرىدە، كامبودژا دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلگەنلىكى ئېنىقلانغان 23 ياشلىق ئابدۇرېقىپ راخمان ھەققىدىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى.

ئابدۇرېقىپ راخمان ئادەم ئەتكەسچىلىرى ئارقىلىق خىتايدىن قېچىپ چىققان بولسىمۇ، بىراق ئادەم ئەتكەسچىلىرىنىڭ قولىدىكى كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە كامبودژادا بىر جىنايەت گۇرۇھىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ۋە ئۇ يەردە زورلۇق بىلەن تور جىنايىتى بىلەن شۇغۇللىنىشقا سېلىنغان. ئۇ بۇ جەرياندا يوشۇرۇنچە ب د ت خادىملىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆزىنىڭ خىتايدىن قېچىپ چىققان بىر ئۇيغۇرلۇقىنى دېگەن ۋە ئۇلارنىڭ كاپالىتىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا قايتۇرۇلۇشتەك ئاقىۋەتتىن قۇتۇلالمىغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» دە دېيىلىشىچە، كامبودژا ساقچىلىرى جىنايى گۇرۇھ تەرىپىدىن مەجبۇرىي تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بۇ ئادەملەرنىڭ ئورنىنى بايقاپ بۇ ئورۇننى تارمار قىلغىلى كەلگەندە ئابدۇرېقىپ راخماننى تۇتقۇن قىلغان ۋە ئۇنى 1-يانۋار كۈنى پايتەخت فنوم پېندىكى كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇش مەركىزىگە ئەكەتكەن. 13-يانۋار كۈنى بولسا ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن. 30-يانۋاردىن كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭدىن خەۋەر ئېلىنالمىغان.

23 ياشلىق ئابدۇرېقىپ راخمان ئەينى چاغدا ب د ت خادىملىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن ئالاقىلەشكەندە ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرۇلغان جازا لاگېرلىرىدا ئىشلىگەنلىكىنى، خىزمىتىدىن ئايرىلغاندا بولسا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. ئۇ خىتايدىن قېچىپ كەتكەندىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇنىڭ ئۈندىدار ھېساباتى ۋە بانكا ھېساباتلىرىنى تاقىۋەتكەن ئىكەن.

ئابدۇرېقىپ راخماننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان چەت ئەللەرگە قېچىپ چىققان بولۇپمۇ خىتايغا قوشنا ھەم تەسىرى چوڭ بولغان دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قايتۇرۇلۇش مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر ئېچىنارلىق مىسالى بولۇپ قالدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» بۇ ۋەقەنى ئادەم قۇتقۇزۇشنى ئاساسىي نىشان قىلىدىغان خەلقئارا ئورگانلار جۈملىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كەلگەندە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشى ھەمدە خىتاينىڭ ئۆز تەسىرىنى قوللىنىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىشتىكى كىشىنى چۆچۈتىدىغان قەتئىيلىكىنىڭ نامايەندىسى، دەپ باھالىغان. ب د ت نىڭ مۇساپىرلار ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورۇنلىرى بولسا گېزىتنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشنى ۋە ھەمدە ئۆزىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنىمۇ رەت قىلغان.