مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئۆزىنىڭ كۆپ قاتلاملىق ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن ئىلىم ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئېستېتىكا، ئەدەبىيات-سەنئەت نەزىرىيەسى، پەلسەپە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا دائىر زور كۆلەملىك ئىلمىي ئەمگەكلىرى زور تەسىر قوزغىغان.
ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىنننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ «قۇتادغۇ بىلىگ خەزىنىسى»، «غەربىي يۇرت تاش كېمىر سەنئىتى»، «قەدىمكى مەركىزىي ئاسىيا»، «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى» ۋە «يارقىن ئەسلىمە: مەن ۋە مېنىڭ خەلقىم» قاتارلىق كۆپلىگەن ئەسەرلىرى نەشر قىلىنغان.
خەلق تورىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان يېڭى كىتاب - «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش» يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ مەدەنىيەت نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
مەزكۇر كىتابقا ئاتاقلىق موڭغۇل يازغۇچىسى مېڭ چىبىنىڭ 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا مەرھۇم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى ئاساسىدا ئېلان قىلىنغان ئەدەبىي ئاخباراتى «ئويلىنىش ئىچىدە ئىلگىرىلەش» كىرگۈزۈلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر كىتابقا يەنە ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ زامانداشلىرى بىلەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەسلىمىلىرى ۋە مەخسۇس ماقالىلىرى كىرگۈزۈلگەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى، مەزكۇر كىتابنىڭ ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ۋاپات بولۇپ 20 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەندە ئالىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى ھەققىدە يورۇق كۆرگەن مەخسۇس كىتاب ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.