دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى: «ئابدۇجېلىل سۇپىنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.09.28

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 27‏-سېنتەبىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئابدۇجېلىل سۇپىنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئابدۇجېلىل سۇپى ئۆتكەن ھەپتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئابدۇللاھ بىن راۋاخاھ مەسچىتىدىن ناماز ئوقۇپ قايتىشىدا 4 كىشى تەرىپىدىن سوراقسىز تۇتقۇن قىلىنىپ، ئاپتوموبىلغا سېلىپ ئېلىپ كېتىلگەن.

ئۇ تۇتقان قىلىنغاندا ئايالى يېنىدا بولۇپ، ئايالى نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كىشىلەر ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتىدا ئابدۇجېلىلنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇ خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋە تەن جازاسىغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىگەن.

27 ياشلىق ئابدۇجېلىل سۇپى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ شارجاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇ 2017‏-يىلى 3‏-ئايدا مىسىردىن قايتىپ كەلگەندىن بېرى 3 يىللىق رەسمىي ئىقامەت بىلەن تۇرۇۋاتقان ئىدى.

20‏-سېنتەبىر پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئابدۇجېلىل ئابدۇللاھ بىن راۋاخاھ مەسچىتىدە مەزىنلىك قىلاتتى.

باياناتتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا: «بىز يىللاردىن بېرى ئۇنداق ۋەقەلەرنىڭ قايتا-قايتا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كەلدۇق. بىز ھېچقاچان ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولغانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدۇق» دېگەن. دولقۇن ئەيسا يەنە «بارلىق ھۆكۈمەتلەر خىتاينىڭ بېسىمىغا تىز پۈتمەسلىكى ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن.

ئابدۇجېلىل سۇپى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن بىردىن-بىر ئۇيغۇر ئەمەس. يېقىنقى مەزگىللەردە دۇبەيدە تۇتقۇن قىلىنىپ، ئىز -دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى خېلى بار. يېقىندا ياۋروپادىكى شىۋېتسىيە، گېرمانىيە ئۇيغۇر رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇر مۇساپىلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختاتقان. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىسلام ئەللىرىنىڭمۇ بۇ دۆلەتلەرنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قايتۇرماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.