ئابىدىلەرگە سىر چاچقان خىتاي ئايال ئۈستىدىن سوت ئېچىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2013.08.03

ئامېرىكا پايتەختىدىكى مۇھىم ئابىدىلەرگە سىر چېچىپ بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان خىتاي ئايال ئۈستىدىن جۈمە كۈنى يەنە سوت ئېچىلىپ، سوتچى ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا قاماش ۋە پۇتىغا ئىز قوغلاش ئۈسكۈنىسى بېكىتىشكە بۇيرۇدى.

سوتچى ئۇنىڭ يوقلاپ كەلگۈچىلەر بىلەن كۆرۈش ھوقۇقىنىمۇ بىكار قىلدى.

ئامېرىكا پايتەختى ساقچىلىرى تيەن جيامېى ئىسىملىك بۇ خىتاي ئايالنى دۈشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندىكى دۆلەتلىك چوڭ چېركاۋ-كافېدرالدىكى ھەيكەل ۋە چالغۇلارغا سىر چېچىۋاتقاندا قولغا ئالغان ۋە ئۇنى «شەخسىي مال-مۈلۈككە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى» بىلەن سوتقا تارتقان ئىدى.

بۇندىن بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى لىنكولىن خاتىرە سارىيى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ يېشىل سىر بىلەن بۇلىغانلىقى خەۋەر قىلىنغان. نۆۋەتتە تيەن جيامېىنىڭ بۇ جىنايەتلەرنىمۇ سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى تەخمىن قىلىنغان.

ئەگەر تيەن جيامېىغا ئارتىلغان «شەخسىي مال-مۈلۈككە بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتى» دەلىللەنسە، ئۇنىڭغا 10 يىللىق قاماق جازاسى بېرىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تيەن جيامېى قولغا ئېلىنغاندا ئۇنىڭ قولىدا خىتاي پاسپورتى ۋە سۇرىكى ئۆتۈپ كەتكەن ئامېرىكا ۋازىسى بار ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.