بىر قىسىم ئانالىزچىلار «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىگە قادالغان مىق» دەپ تەرىپلەپ كېلىۋاتقان ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ تۈركىيەدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قويۇپ بېرىلىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى خۇشال قىلىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىققۇچى ھەر ساھە كىشىلىرى ئارىسىدىكى غۇلغۇلىغا سەۋەب بولدى.
«شىمالىي ياۋروپا كۆزەتچىسى» گېزىتىنىڭ 21-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن ئابدۇقادىر ياپچان ھەققىدىكى «تېررورلۇق» قا چېتىشلىق ئەيىبلەشلەر بىكار قىلىنىپ، 2-ماي كۈنى قويۇپ بېرىش قارارى ئېلىنغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇندىن بۇيان ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھارماي-تالماي تىرىشىپ كەلگەن ھەر ساھە كىشىلىرىنىڭ، جۈملىدىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاردۇقى چىققاندەك بولۇپ قالغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئابدۇقادىر ياپچاننى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى، دەپ ئېلان قىلغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ «مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان» قۇرۇش ئۈچۈن قوراللىق جىھادنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى، خىتايلارغا قارشى كۈرەش قىلىشتا ئۇيغۇرلارنىڭ ھېچقانداق ۋاسىتە تاللىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى تەرغىب قىلغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى بېسىملىرى ئارقىسىدا تۈركىيە قانۇن ئورۇنلىرى ئابدۇقادىر ياپچاننى 2016-يىلى تۇتقۇن قىلغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇقادىر ياپچاننى تۇتقۇن قىلىشنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئورگانلىرى قاتارلىق ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە مىنىستىرلىرى تۈركىيەگە بېرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە قاتتىق بېسىم ئىشلەتكەن ھەمدە ئۇنى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئىشلىرىنى مۇزاكىرىلەشكەن. ھالبۇكى تۈركىيەنىڭ بېكىر كۆي جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئابدۇقادىر ياپچاننى قولغا ئېلىپ تۈرمىگە قاماش تەلىپىنى رەت قىلغان. كېيىنچە 4-جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئۇنى مالتەپە تۈرمىسىگە 40 كۈنلۈك قاماپ قويغان. 2017-يىلىغا كەلگەندە «ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق سوتى» ئابدۇقادىر ياپچاننى تۈركىيەدىن چىقىرىۋېتىشكە بولمايدىغانلىقى قارار قىلغان ھەمدە «ئەگەر ئەيىبكار خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۆزىنىڭ سىياسىي مەيدانى سەۋەبلىك ئۆلۈم جازاسى ياكى ئېغىر قىيناقلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكى» نى بىلدۈرگەن. ئەمما شۇنىڭدىن كېيىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئابدۇقادىر ياپچاننى خىتايغا ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تۈرلۈك شەكىللەر بېسىم قىلىشى توختاپ قالمىغانىدى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئابدۇقادىر ياپچاننى خىتاي دائىرىلىرى ئەينى ۋاقىتتا ئىككى قېتىم مۇددەتلىك قاماققا ھۆكۈم قىلغان. 1996-يىلى ئىككىنچى قېتىملىق جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەن ھامان ئۇ پاكىستانغا قېچىپ بېرىپ، ئۇ يەردىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا، كېيىنچە تۈركىيەگە ماكانلىشىپ قالغان ئىكەن.