خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئۇنىڭ قەشقەردە رۇسىيە بىلەن بىرلىشىپ ئادەمسىز قوراللىق ئۇچقۇ زاۋۇتى قۇرغانلىقى ھەققىدە زىددىيەتلىك ئۇچۇرلارنى بەرگەنلىكى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ بۇ زاۋۇتنىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بەزىلەرنىڭ ئۇنىڭغا قايىل بولمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە قارىتا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان 25 خىتاي شىركىتىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشنى پىلانلىماقتىكەن. خەۋەردە، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەمەلدارلارنىڭ بەرگەن ئۇچۇرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، خىتاينىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا خېلى بىر مەزگىللىك كېچىكىشتىن كېيىن، قەشقەردىكى ئادەمسىز ئۇچقۇ زاۋۇتى ھەققىدە زىددىيەتلىك ئۇچۇرلارنى بەرگەنلىكى، خىتاي ئىلگىرى بۇنداق بىر مەسىلىنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىر بۇ مەسىلىنىڭ بىر تەرەپ بولغانلىقىنى قەيت قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقى 2024-يىلى 9-ئايدا، خىتاينىڭ شېنجېندىكى بىر تېخنىكا شىركىتىنىڭ رۇسىيە ھەربىي سانائىتى سىستېمىسىغا قاراشلىق بىر شىركەت بىلەن بىرلىشىپ، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى» دا قوراللىق ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىپ رۇسىيەنى تەمىنلەۋاتقانلىقى، رۇسىيەنىڭ بۇ ئادەمسىز ئۇچقۇلارنى ئۇكرائىنا جەڭ مەيدانىدا ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغان. بۇ خەۋەر ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 ياۋروپا دۆلىتى ئورتاق دىپلوماتىك تەلەپ قويۇپ، خىتاينىڭ بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىلگىرى «بىز توقۇنۇشۇۋاتقان ھېچقانداق بىر تەرەپنى ئەجەللىك قوراللار بىلەن تەمىنلىمىدۇق، بىز ھەربىي ۋە ھەر ساھەدە ئىشلىتىلىدىغان ئادەمسىز ئۇچقۇلارنى ئېكسپورت قىلىشنى قانۇن-تۈزۈم بويىچە قاتتىق كونترول قىلىۋاتىمىز» دېگەن. لېكىن «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» نىڭ خەۋىرىدە، قەشقەردىكى ئادەمسىز ئۇچقۇ زاۋۇتىنىڭ كونكرېت قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى تەپسىلىي تىلغا ئېلىنمىغان، شۇنداقلا بەزىلەر خىتاي تەرەپنىڭ بۇ چۈشەندۈرۈشىگە ئانچە قىيىن بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىلگىرى 70 پىرسەنت سەزگۈر ۋە يۇقىرىقى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى رۇسىيە ئارمىيەسىگە خىتاي تەمىنلەۋاتقانلىقىنى مۆلچەرلىگەن.