ئىككى يېرىم يىلدىن بېرى تۈركىيە ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچان 3-ماي كۈنى تۈركىيە ئەدلىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن شەرتلىك قويۇپ بېرىلگەن. ئابدۇقادىر ياپچان بۇنىڭدىن 2 يېرىم يىل ئاۋۋال خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ «تېررورلۇققا چېتىشلىق» دەپ ئەرز قىلىشى بىلەن نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان. ئۇ تۈركىيەنىڭ بۇلغارىيە چېگراسىدىكى ئەدىرنە كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىدى. ئابدۇقادىر ياپقان بۇ 2 يېرىم يىل جەريانىدا ئاز دېگەندە 3 قېتىم سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلغان. بىرىنچى قېتىملىق سوتتا ئۇ گۇناھسىز، دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن دائىرىلەر ئۇنى قويۇپ بېرىشنى ئىزچىل ئارقىغا سۈرۈپ كەلگەن. تۈركىيەدىكى «شەرقىي تۈركىستان» تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇنىڭ 2 يېرىم يىلدىن بېرى ئىزچىل تۇتۇپ تۇرۇلۇشى پەقەت سىياسىي قارار بولۇپ، خىتاينىڭ بېسىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
تۈركىيەدىكى «ئەينەك تورى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىنىشىچە، ئىستانبۇلدىكى بىر سوت مەھكىمىسى 3-ماي كۈنى ئۇنىڭ شەرتلىك قويۇپ بېرىلىشىنى قارار قىلىپ، ئۇنىڭ سوتىنى 9-ئايغا كېچىكتۈرگەن. سوتنىڭ قارارىدا، ئۇنىڭ شۇنىڭغىچە ئىستانبۇلنىڭ سافاكۆي رايونىدىكى مەھەللىسى ئەتراپىدا ھەرىكەت قىلسا بولىدىغان، ئەمما ئۇنىڭ سىرتىغا چىقسا بولمايدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. ئابدۇقادىر ياپقان 3-ماي كۈنى سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇنىڭغا ئارتقان «جىنايەتلىرى» نى رەت قىلغان. ئۇ «ھەقىقەتكە كۈچ ۋە قورالنىڭ ئىشلىمەيدىغانلىقى. . . . . . . . . ھەققانىيەتنىڭ ھامىنى غەلىبە قىلىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.